چېن چياڭۋېي
قونجىراپ تاموژنىسى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ناچار. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد قونجىراپ تاموژنا خادىملىرى قارلىق ئېگىزلىكنى چىڭ ساقلاپ، ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ كۈرەش ئىرادىسى كەمچىل بولماسلىق، ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولماسلىقتەك جاسارەت ۋە ئىرادە ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايان قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا، قونجىراپ تاموژنىسىدىكى نۇرغۇن ياش تاموژنا خادىملىرىنى كۆردۈم. ئۇلار جاي- جايلاردىن كەلگەن، بىرقەدەر ياخشى ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپى بار، ئەگەر قونجىراپقا كەلمىگەن بولسا، باشقا جايلاردىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىش ئورنى ۋە كىرىمگە ئېرىشەلەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ «قان- تەر تۆكۈلگەن يول» «ھالاكەت جىلغىسى»غا كېلىشنى تەلەپ قىلدى.
نېمە ئۇلارنى ناچار تەبىئىي شارائىتنى يېڭىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە پۇشايمانسىز قېلىشقا جەلپ قىلدى؟ بۇنىڭ جاۋابى دۆلەت دەرۋازىسىدىكى ئېگىز لەپىلدەۋاتقان دۆلەت بايرىقىدا، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم بەرگەندە يۈزلەنگەن پارتىيە بايرىقىدا.
دۆلەت مۇھەببىتى ئاددىيلا سۆز بولسىمۇ، قونجىراپ تاموژنىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، كېچىنى- كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىشى ۋە چىڭ تۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان تاموژنا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش پورتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قونجىراپ پورتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلار سانىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. قونجىراپ تاموژنا خادىملىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.
بىز قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن داۋاملىق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىنى قېزىپ، ئىلغار تىپلار ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەتراپىمىزدىكى ئۈلگىلەر ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئۆز ئىش ئورنىمىزدا رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان ساپ مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)