10- ئاينىڭ 5- كۈنى، خېرىدارلار ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شياۋشىمىن سودا چەمبىرىكىدە بازار ئايلىنىپ مال سېتىۋالماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې) «بۇ ئىككى كۈندە سودا ياخشى بولدى، ئانار شەربىتىنى بىر كۈندە 600 يۈەنلىكتىن ئارتۇق ساتتىم»، دېدى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شياۋشىمېن سودا چەمبىرىكىدە مېۋە سودىسى قىلىدىغان تىجارەتچى تۇرسۇن باقى.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى سودا بازارلىرى خېرىدارلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، سودىگەرلەر تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى بەس- بەستە يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنى بايراملىق مال سېتىۋېلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلدى. ئىستېمال بازىرىدا قىزغىن دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، ئىستېمال قىزغىن، بازار ئاۋات بولغان، ئادەمگە لىق تولغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
10- ئاينىڭ 5- كۈنى، خېرىدارلار ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شياۋشىمىن سودا چەمبىرىكىدىكى مېۋەە يايمىسىدىن مېۋە سېتىۋالماقتا.
10- ئاينىڭ 5- كۈنى، خېرىدارلار ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شياۋشىمىن سودا چەمبىرىكىدىكى بىر يايمىدىن باش كىيىم سېتىۋالماقتا.
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىدىكى شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل- گىياھ بازىرىدا گۈل سېتىۋالماقتا.
«يېڭى ئۆيۈمگە ئەمدىلا كۆچۈپ كىردىم، گۈل سېتىۋېلىپ ئۆيۈمنى بېزەي دەيمەن»، دېدى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل- گىياھ بازىرىدا گۈل سېتىۋېلىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ خەيبىن.
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ گۈل- گىياھ بازارلىرىدا خېرىدار ناھايىتى كۆپ بولدى. «فۇگۇي بامبۇكى، تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ، كېپىنەكسىمان ئورخىدىيە، قىزىل ئالىقان قاتارلىق خۇشاللىققا سىمۋول قىلىنغان گۈل- گىياھلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى ئادەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى»، دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل- گىياھ بازىرىدىكى سودىگەر ليۇ گۇيلەن.
ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، گۈل- گىياھ ئىستېمالى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى، گۈل بايراملىق خۇشال كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان بېزەككە، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرنى يوقلاشتىكى مودا ئامىلغا ئايلاندى.
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل- گىياھ بازىرىدا گۈل سېتىۋالماقتا.
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، سودىگەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل- گىياھ بازىرىدا خېرىدارلار تاللاپ سېتىۋالغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى توشۇماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)