بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى
10:36:33 2024-10-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

 شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

 پۈتۈن مەملىكەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، بىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ مۇھىم تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەخسۇس تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ تەبرىكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ كەلدى، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ھەسسىلەپ روھلاندى. بىپايان تارىم ئويمانلىقىدىن گۈزەل ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدىن باي، مۇنبەت تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تۈنۈگۈنكى بىڭتۇەننىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللىرىنى بىرلىكتە قايتا ئەسلىدى، بۈگۈنكى بىڭتۇەننىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقان كەيپىياتىنى بىرلىكتە ھېس قىلدى، ئەتىكى بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە بىرلىكتە نەزەر سالدى.

 70 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 70 يىل قاينام- تاشقىنلىققا تولدى. 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەنلىكلەر بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەمشەرنى ساپان قىلىپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى، خىزمەت ئەترىتى، جەڭگىۋار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىڭتۇەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

 شىنجاڭ بىلەن بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئورناتتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ بىڭتۇەن خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، بىڭتۇەنگە يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم بازىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، چېگرانى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىغا؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچلىق فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىغا؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۈلگە رايونىلىق فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

 70 يىلدا شانلىق نەتىجە ياراتتى، يېڭى مۇساپىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى بىڭتۇەن مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم سىستېمىسى قايتا بەرپا قىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى سىجىل زورىيىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك چوڭقۇر ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەر، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى نېگىزدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىغانلىقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

 جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان بىڭتۇەننى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى بىزگە شۇنداق ئىلھام بەردىكى، شىنجاڭ ئومۇمىيىتىدە بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

 ھازىر، بىڭتۇەن خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مۇھىم تەرەققىيات پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بىز پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئالاھىدە ئىقتىدارىمىزنى ياخشى چېنىقتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا دادىللىق بىلەن تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىڭتۇەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى باشتىن- ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

 ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىڭتۇەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى مۇھىم، شەرەپلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125