ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى شەخسكە ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلىۋاتقاندا يارىلانسا، تۆلەم جاۋابكارلىقى قانداق ئايرىلىدۇ؟
16:16:09 2024-10-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

سوت نەق مەيدانى. سۈرەتنى كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەمىنلىگەن  

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر يۇ فاڭ

 كۈندىلىك تۇرمۇشتا، شەخس بىلەن ئىدارە ئوتتۇرىسىدىكى ئادەم ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىدىن باشقا، شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەمگەك مۇلازىمىتى مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. ئىدارىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر خىزمەت جەريانىدا يارىلانسا، ئىشتا يارىلانغان دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ، ئىدارە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى شەخسكە ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلىۋاتقاندا يارىلانسا، تۆلەم جاۋابكارلىقى قانداق ئايرىلىدۇ؟

 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، ليۇ x ئا xنى كۈيتۈن شەھىرىنىڭ كەيكەنچى كەنتىدە پارنىكقا سولياۋ يوپۇق يېپىش، سولياۋ يوپۇقنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسسىقلىق ساقلاش يېپىنچىسى يېپىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ياللىغان. ئا x ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى مەشغۇلات قىلغاندا، ليۇ x پەقەت بىخەتەرلىك قالپىقى بىلەن تەمىنلىگەن، لېكىن بىخەتەرلىك ئىلمىكى ۋە بىخەتەرلىك ئارغامچىسى قاتارلىق باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلىمىگەن.

 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئا x ليۇ xنىڭ پارنىكىغا سولياۋ يوپۇق يېپىۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆت مېتىر ئېگىزلىكتىكى پارنىكنىڭ سولياۋ لاپاس جازىسىدىن يىقىلىپ يارىلىنىپ، كۆكرەك 12 ئومۇرتقىسى بېسىلىش خاراكتېرلىك سۇنغان، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن 9- دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغان. ئا x دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ليۇ x پەقەت 21 مىڭ يۈەن داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ تۇرغان، ئىككى تەرەپ تۆلەم ئىشىدا بىرلىككە كېلەلمىگەن.

 بۇ يىل 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئا x كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ليۇ xتىن 224076.43 يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ دېلودا ئىككى تەرەپ گەرچە يازما توختام تۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئا xنىڭ بايانى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ۋېيشىن پاراڭلىشىش خاتىرىسى، تېلېفوندا سۆزلىشىش خاتىرىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئا xنى ليۇ ياللىغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، ئا x ليۇ xنى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندە زىيانغا ئۇچرىغان، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا ئاساسەن مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئا x تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارنىكنىڭ ئېگىز يېرىدە مەشغۇلات قىلغاندا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، لېكىن ئۇ مۇۋاپىق بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا ئاساسەن %30 جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ليۇ x ياللىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياللانغۇچىنى بىخەتەر خىزمەت مۇھىتى، ئەسلىھە ۋە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك كاپالەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى، مۇناسىپ سۇغۇرتا سېتىۋېلىشى كېرەك. لېكىن ليۇ x يۇقىرىقى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە بىر قەدەر چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن، ئەھۋالغا قاراپ %70 جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 8- ئاينىڭ 21- كۈنى، كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ليۇ xنى ئا xكە 141297.87 يۈەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.

 قانۇن ماددىسى ئۇلانمىسى:

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1192- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شەخسلەر ئارا ئەمگەك مۇلازىمىتى مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلىش يۈزىسىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلدۇرغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلدۇرغۇچى تەرەپ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىك بار ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەرەپتىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاراپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغان مەزگىلدە، ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەرەپ 3- كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلغۇچى تەرەپ 3- كىشىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلدۇرغۇچى تەرەپتىن تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىشقىمۇ ھوقۇقلۇق. ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلدۇرغۇچى تەرەپ تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىن، 3- كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125