دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى
19:20:41 2024-10-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى

ما شىڭرۇي ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەم تۈرگە ئۇل سالدى  ئەركىن تۇنىياز، ليۇ گويۆ سۆز قىلدى

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاخاچۈەن باغچە رايونىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ گويۆ قاتارلىق ئالاقىدار رەھبەرلەر بىرلىكتە توپا يۆلەپ ئۇل سېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە قوزغاتماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى 

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ) 10- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جەمئىي 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاخاچۈەن باغچە رايونىدا قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تۈردە ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرى قومۇلنىڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ماي تەركىبى مول كۆمۈر ۋە شامال، يورۇقلۇق بايلىقىغا تايىنىپ، «كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، خىمىيە، ئىسسىقلىق، توك، يېڭى ئېنېرگىيە»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت كۆمۈردىن ماي- گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ تۈردە بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۇ قېتىم ئىش باشلانغان 1- باسقۇچلۇق تۈرگە 90 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يىلىغا 15 مىليون توننىلىق چاخاچۈەن 1- نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كان يانداش كۆمۈر كان قىلىنغان، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەم يۈرۈشلۈك يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلەر قۇرۇلىدىغان بولۇپ، 2027- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. پائالىيەتتە، ما شىڭرۇي تۈرگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەم دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە توپا يۆلەپ، ئۇل سېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئورتاق قوزغاتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىش باشلاش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئۈچ بازا، بىر يول» بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنى ئاساسىي بازا قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، سېلىنما سوممىسى يۇقىرى، قۇرۇلۇش كۆلىمى چوڭ، پەن- تېخنىكا تەركىبى يېتەرلىك، تۈرتكە بولۇش تەسىرى كۈچلۈك، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى. كەڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئېنېرگىيە ئېچىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەت ئېنېرگىيە ئۈلگە بازىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېتەكچى بازىسى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سەمىمىي مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى چۆرىدەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، چەكلىك قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ گويۆ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىم قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە ئىش باشلاش دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى تىزگىنلەش، خەۋپسىزلىككە تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات رايونى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش مۇنبەت تۇپرىقى قىلىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىمىز؛ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىمىز؛ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىمىز. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

 چېن ۋېيجۈن ئىش باشلاش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈر ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

 يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە قومۇلدىكى شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە قومۇل شەھىرى، شىنشىڭ شەھىرىدىكى كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125