پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى
10:33:43 2024-10-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

 شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتلىك كۈرەش مەدھىيە ناخشىسىنى ئورتاق پۈتتى. بۇ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىدە، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.

 قەلب مۇجەسسەملىنىپ، روھ تاۋلىنىپ، ئۇل مۇستەھكەملەندى، غايە- ئېتىقاد تېخىمۇ چىڭىتىلدى

 بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى چاقنايدۇ.

 ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشتىن تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگىچە، نامرات، ئارقىدا قېلىشتىن كۈنسېرى زامانىۋىلىشىشقىچە، چەت، يىراق، بېكىنمە ھالەتتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، ھەممىلا جايدا تىنچ- ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.

 «شىنجاڭ جاۋاب قەغىزى» نېمە سەۋەبتىن چاقنىدى؟ بۇنىڭدا پارتىيە رەھبەرلىكى ئاچقۇچ. پارتىيەنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىش تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىزنىڭ ئاساسى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم غايە- ئېتىقاد بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشقا يېتەكلىدى.

 سىياسىي سادىقلىق مۇستەھكەملەندى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

 ئىدىيە ئۇلى پۇختىلاندى. ئاپتونوم رايون ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى، «1- قارالما» تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلىدى.

 پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش- تەربىيەسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش پۇرسەت قىلىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كالتسىي تولۇقلىنىپ ئۇستىخىنى چىڭىتىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا تەربىيەلەندى، يېتەكلەندى.

 كەچ كۈزدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭى ئىدىيە ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە ئىككى قارار مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، پەرقلەر، كەمتۈكلۈكلەر تېپىپ چىقىلىپ، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇتۇلدى؛ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىغا يېقىن، قىزغىنلىق ئۇرغۇتۇلغان شەكىلدە تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان، ئىلھام ئالىدىغان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

 ئىدىيە ئۆگىنىلدى، پارتىيەۋىلىك كۈچەيتىلدى، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىلدى، يېڭى تۆھپە يارىتىلدى. شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار چوڭقۇر ئۆگىنىش داۋامىدا قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى چېنىقتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، غايە- ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇردى.

 ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش يۆنىلىشى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى، تەشكىلىي ئەۋزەللىك ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى

 پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، تەشكىلىي قۇرۇلۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، 1949- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇ يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا 1- تۈركۈمدە جەمئىي 15 پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

 بۇ 15 پارتىيە ئەزاسى خۇددى دانە- دانە ئۇرۇققا ئوخشاش خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى پۇختا ئەمەلدە كۆرسەتمەكتە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرىق قىلماقتا ۋە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

 75 يىلدا بوران- چاپقۇن ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىلگىرىكى ئۇچقۇندىن بۈگۈنكى كۈندە يانغىن چىقتى. شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشى كېرەك، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش كېرەك.

 پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى- تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ساھە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرگە ئورتاق كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات قۇۋۋىتى، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم- ئىقتىدارىغا ئايلاندۇردى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى كازىۋەن كوچا باشقارمىسى يۈلىن مەھەللىسىدە 7000غا يېقىن ئاھالە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، لېكىن تەۋەلىكتىكى كارخانا بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەس ئىدى. بۇلتۇر 3- ئايدىن بۇيان، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، كارخانا، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ئاھالىلەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، جەمئىيەتكە «شېرىكلەشكۈچى» تەكلىپى چىقىرىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ياكى تۆۋەن ھەق شەكلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنى دەل جايىدا ۋە كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

 «ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى قەيەردە بولسا، بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز شۇ يەرگىچە بارىدۇ. مەھەللىدە ئائىلە ئاياللىرى بىرقەدەر كۆپ، بىز ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن <شېرىكلەشكۈچى>لەرنى كىرگۈزۈپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتۇق.» يۈلىن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيا لىن مۇنداق دېدى: ھازىر 24 «شېرىكلەشكۈچى» قوشۇلدى، بۇلار مەدەنىيەت، مائارىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ تولىمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

 يېزا- بازار(كوچا باشقارمىسى) باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىلتىماس- تەلەپنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كەسپىي سىستېما قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ بىرىكتۈرۈلۈپ تۈرتكە بولۇندى؛ «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «بەشنى كۈچەيتىش، بەشنى ئۆستۈرۈش» بويىچە تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، تۈركۈم- تۈركۈم كادىرلار كەنتتە كۈچ ئۇلاپ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى...

 يېزىلاردىن مەھەللىلەرگىچە، دۆلەت كارخانىلىرىدىن پۇقراۋى كارخانىلارغىچە، ئەنئەنىۋى كەسىپ ھالىتىدىن يېڭى كەسىپ ھالىتىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا باسىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر ياچېيكا بىر قورغان.

 پامىر ئېگىزلىكىدە، بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى كۈچ ئۇلاپ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا لىنىيەسىنى مۇھاپىزەت قىلدى. ئائىلىسىدىكى 2- ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايەكە 30 نەچچە يىللىق چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھاياتىدا، «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ يول باشلىدى، باسقان مۇساپىسى 30 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى. يېقىندا، بايەكەگە «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

 75 يىلدا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، قەيەردە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە بولسا، شۇ يەردە تەشكىلنىڭ كۈچى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بار بولۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

 بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ياخشىلار، قابىلىيەتلىكلەر تاللاپ ئىشقا قويۇلدى، تەرەققىياتنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتى ئۇرغۇتۇلدى

 مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭ سىنىپىنى تىرىشىپ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

 «70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سىنىپىنىڭ <كۆڭۈل قويۇپ تېمىتىپ سۇغىرىش> شەكلىدىكى تەربىيەلىشىدە، ئوقۇش پۈتكۈزگەن زور بىر تۈركۈم كۇرسانتلار تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشىدىغان تايانچ كۈچكە ئايلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.» ئىلگىرى ئىككى قېتىم شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر مۇتەللىپ ئەلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ئۈمىدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

 «سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى باشتىن- ئاخىر كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئەلالاشتۇردى.

 باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئۆلچەم بىرىنچى ئۆلچەم قىلىنىپ، سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈش دائىملىق خىزمەتكە سىڭدۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن- ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ دىققەت نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلدى؛ ياش كادىرلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش پۈتۈن زەنجىرلىك خىزمەت مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش پىلانى قانات يايدۇرۇلدى؛ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قاتتىق كۈچەيتىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى تۈزۈلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى... بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالىشىپ، ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

 شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم كۈچ.

 تاغ- دەريالار تومۇرداش بىللە بولدى جۇدۇندا، تولۇن ئاي گۇۋاھ بولدى يۈرەكتىكى سېغىنىشقا. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈركۈم- تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، كۈچ ئۇلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەرنى ئېلىپ كېلىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»تە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايغا ئېلىپ كەتمەيدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قالدۇردى.

 ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىختىساسلىقلارنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، ئىختىساسلىقلارنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

 ھازىر، شىنجاڭ دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلارغا تەقەززا، تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش شارائىتىمىز ھەم بار.

 يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى مىسلىسىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى قوزغىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلەتتى، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى ئون يىلنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ بولدى... تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتتى.

 بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى كىرگۈزگەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار 100 كىشىگە يېقىن بولدى، بۇ، مەزكۇر تەتقىقات ئورنى ئۆتكەن يەتتە يىلدا كىرگۈزگەن ئىختىساسلىقلار سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ. تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشنى تاللىدى.

 شامال بىلەن ئۇلۇغ دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە قورقماس جاسارەت بىلەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125