10- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە مەشئەل يەتكۈزۈشنى باشلاش مۇراسىمى سەنيا شەھىرىدىكى تيەنيا خەيجياۋدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى خەينەن سەنيادا باشلىنىدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 35 ۋەكىللەر كوماندىسى، 56 مىللەتتىن تەخمىنەن 7000 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، مۇسابىقە 18 مۇسابىقە تۈرى ھەمدە تەخمىنەن 170 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ گۇەنيۈ فوتوسى
سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 9- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان مۇراسىم نەق مەيدانى.
12- مەشئەل يەتكۈزگۈچى فۇ پەنچەن مەشئەلنى توردا يەتكۈزۈشنى باشلاش سۇپىسى ئالدىغا كېلىپ، مەشئەلنى بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بۇيۇمى «جىبېي»غا يەتكۈزدى.
ئەزىز مېھمانلار «ئېكولوگىيە ئوتى»، «ئۈمىد ئوتى»، «پەن- تېخنىكا ئوتى» چوغىنى چوغدانغا يىغدى.
دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيپىڭ (ئالدى ئوڭدا) مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، بىرىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى شۈ خۇڭجوۋ (ئالدى سولدا)غا تاپشۇرۇپ بەردى.
بىرىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى شۈ خۇڭجوۋ (سولدا) بىلەن ئىككىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى دېڭ خوخۇڭ مەشئەل يەتكۈزدى.
سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 9- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان مۇراسىم نەق مەيدانى.
بىرىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى شۈ خوڭجوۋ مەشئەل يەتكۈزۈشنى باشلىدى.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)