ما شىڭرۇي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
18:45:25 2024-10-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى 

 ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزلىك رول ئوينايدىغان خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 10- ئاينىڭ 9- كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەسىپىي مائارىپ، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، يېزا- كەنت كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزلىك رول ئوينايدىغان خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. 

10- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى(قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى)نىڭ قوبۇل قىلىش رايونىغا كېلىپ، ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشمەكتە. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى(قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى)نىڭ 1- قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، يىل ئاخىرىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، تۈنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار نۆۋەتتە قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونىنىڭ قوبۇل قىلىش رايونىدا ئوقۇماقتا. ما شىڭرۇي يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، يىرىك پىلان، لايىھە، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە قوبۇل قىلىش رايونىغا بېرىپ ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا تولۇق كۇرس مائارىپىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زور تەدبىر. مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ كەسىپ ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، پەن تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇش- ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى» قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. 

 ما شىڭرۇي ئاتۇش شەھىرىنىڭ سانائەت باغچە رايونىغا كېلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دېخۇا توقۇمىچىلىقى، سۇجياڭ پەن- تېخنىكىسى، ئېلفا لىفىتچىلىكى قاتارلىق كارخانىلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا كىرىپ، توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، توكسىكلىت ياساش، لىفىت قۇراشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىش ئورنى كۆپەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ سىياسەت، تەننەرخ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ، رايون خاس كەسىپلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك. ما شىڭرۇي كارخانا مەسئۇللىرىنى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پائال بازار كېڭەيتىپ، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

 ئاتۇش شەھىرىنىڭ نۇرلۇق كوچا باشقارمىسى ماناس مەھەللىسىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن مەھەللە باشقۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت مەركىزىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشانغان ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. ما شىڭرۇي ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا مۇنداق تاپىلىدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چوڭقۇر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بازا سۈپىتىدە ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئامما بولۇپمۇ «ياشانغانلار- بالىلار»نىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 ئاتۇش «ئەنجۈر ماكانى». ما شىڭرۇي ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ تاقۇت كەنتىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كېلىپ، پارنىكقا كىرىپ ئەنجۈرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى، ئۆستۈرۈش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاچقۇچ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە. باشلامچى كارخانىلار يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتىپ، يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرىنى زورايتىپ، دېھقانلارغا تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىن سىجىل نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان نۇقتىلىق كەسىپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. 4- پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملاش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سۇپىسى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك. 

 قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125