2024- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 4- پەسىللىك يولۇچىلار پويىزى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلدى.
بۇ قېتىمقى يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئالتە جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قاتنايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ «بىر شەھەردە ئىككى ۋوگزال بولۇش»تەك يولۇچىلار پويىزى كېلىش- يولغا چىقىش ئەندىزىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
ئالتە جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مۇنۇلار:
ئۈرۈمچى- غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C847/C848- قېتىملىق، C849/C850- قېتىملىق، K9759/K9760- قېتىملىق ئۈچ جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى بىلەن غۇلجا ۋوگزالى ئارىسىدا قاتنايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ئۈرۈمچى- كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C872/3- قېتىملىق، C874/1- قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى بىلەن كورلا ۋوگزالى ئارىسىدا قاتنايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ئۈرۈمچى- قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9772/3- قېتىملىق، K9774/1- قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى بىلەن قەشقەر ۋوگزالى ئارىسىدا قاتنايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ئۈرۈمچى- قورغاس ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9789/K9790- قېتىملىق بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى بىلەن قورغاس ۋوگزالى ئارىسىدا قاتنايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىن كورلا، غۇلجىغا قاتنايدىغان ئۈچ جۈپ دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى CR200J3 -C تىپلىق سودا ئورۇندۇقى بار دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسىغا يەڭگۈشلىنىدۇ. بۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا: ئۈرۈمچى- كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C806/7- قېتىملىق، C808/5- قېتىملىق پويىز؛ ئۈرۈمچى- غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C843/C844- قېتىملىق پويىز ۋە غۇلجا- ئۈرۈمچى جەنۇبى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C850/49 قېتىملىق پويىزدىن ئىبارەت.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)