شۈ خەيلۇڭ
بۇ يىل باھار بايرىمىدا ئۆيگە قايتىپ، ئۆيدە ئانامغا نەرسە- كېرەكلەرنى ئېلىشىپ بېرىۋاتقىنىمدا، ئويلىمىغان يەردىن بىر جۈپ قارا لاتا كەشنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ بۇلۇڭدا جىمجىت تۇراتتى، كەشنىڭ يۈزى ساق بولۇپ، پەقەت تۇمشۇقىدىن بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان، كەشكە بىر قەۋەت توپا قونۇپ قالغانىدى. مەن كەشكە قاراپ ھاڭۋىقىپ قالدىم، خىياللىرىم كىچىك ۋاقتىمغا قايتىپ كەتتى ...
مەن كۈتكەن باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى يېتىپ كەلدى، ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈن ئىدى. سەھەردە، ئۆيدىكى ئىسسىق كاڭدىن ئويغانسام، ئانامنىڭ ياغدا قورۇغان گۆشىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلدى. كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى كاڭنىڭ يېنىغا رەتلىك قويۇلغان ئۈچ جۈپ قارا لاتا كەش ئىدى. يېڭى كەشنىڭ يۈزى قارا رەڭدە بولۇپ، پۇتنىڭ يۈزىگە توغرا كېلىدىغان جايغا ئىككى پارچە رېزىنكە پارچىسى تىكىلگەن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا كەشنىڭ يۈزى پۇتقا چىڭ چاپلىشىپ تۇراتتى، يول ماڭغاندا كۈچلۈك قەدەم ئالغىلى بولاتتى.
كەشنىڭ چەمى ئاق رەڭلىك بولۇپ، ياساشقا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى. ئالدى بىلەن، ئاپام كەنتتىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆيىدىن بىزنىڭ كەشىمىزنىڭ نومۇرى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان «كەش قېلىپى»نى ئارىيەت ئېلىپ، كونا گېزىتكە بىر نۇسخا «تەقلىد» قىلىپ چىقاتتى. ئارقىدىن، ئۇ ئىشلەتمەيدىغان كونا كىيىملىرىنى چاسا قىلىپ كېسىپ، ئاندىن «تەقلىد» قىلىنغان كەش شەكلىگە چاپلاپ، چىڭ بېسىپ، ئىسسىق كاڭدىكى سېلىنچىنىڭ ئاستىغا بىر نەچچە كۈن باستۇرۇپ قوياتتى. ئۇ قايچا بىلەن ئارتۇق رەختلەرنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن، ئەڭ مۇھىم بىر قەدەم − كەش چەمىنى ئېلىش باسقۇچىغا كېلەتتى. ئۇ چىگە يىپنى ئېشىپ، بىگىز بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، بىر يىڭنە بىر يىپتىن بىر يىپتىن تىكەتتى، مىجىر- مىجىر كىچىك چېكىتلەر بىلەن تولغاندا، كەش چەمى پۈتۈپ چىققان بولاتتى.
كەشنىڭ يۈزى يېڭى رەختتىن تىكىلەتتى، چاپلاپ بولۇپ ئىسسىق كاڭغا قويۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، توم ئاق يىپتا ئاياغنىڭ چەمى بىلەن يۈزى چېتىپ تىكىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر جۈپ قارا لاتا كەش تەييار بولغان بولاتتى. يېڭى بىر يىلدا، بۇ قارا لاتا كەش ماڭا خېلى ئۇزاق ھەمراھ بولاتتى. بۇ ئانامنىڭ ھەر يىلى ئۆزگەرمەيدىغان يېڭى يىللىق سوۋغىتى، شۇنداقلا مەن تاپشۇرۇۋالىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ئىدى.
ھازىر مەن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تۆمۈريولدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، باھار بايرىمىدا ئۆيگە قايتىپ جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم. ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرسام، چىراغلار يېقىملىق تۇيۇلۇپ، قويۇق باھار بايرىمىلىق كەيپىيات بىر يىللىق ھارغىنلىقىمنى تۈگىتىدۇ. ھازىر ئانام ياشىنىپ قالدى، قارا لاتا كەش تىكىشكە ۋاقتى ۋە زېھنى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، بىزمۇ ھەر خىل كەشلەرنى كىيىدىغان بولدۇق. ئەمما، ئىلگىرى باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى ئەتىگەندە ئانام تىككەن قارا لاتا كەشنى كىيگەندىكى خۇشاللىقىمىز، مەن ۋە ئاكا- ھەدىلىرىمنىڭ ئېنىق ئېسىمىزدە ئىدى، چۈنكى قارا لاتا كەشكە مۇھەببەت سىڭگەن ئىدى.
يېڭى يىللىق قارا لاتا كەش مېنىڭ باھار بايرىمى پۇرىقى توغرىسىدىكى ئەسلىمەم، ئۇنىڭغا ئانامنىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭگەن بولۇپ، مېنى، ئاكا- ھەدىلىرىمنى ئىللىتىپ، بىزگە ھەمراھ بولۇپ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقلارنى بېسىپ ئۆتتى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو تۆمۈريولى شىئەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنفېڭ بازارلىق پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)