ئۈرۈمچى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاپ، دۆلەتنىڭ «ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش» ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئاساسىدا، «ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش» ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈردى.
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئىستېمالچىلار ئۆز نامىدىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۈرۈمچى تەۋەلىكىدە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا، يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىلى تىجارەت خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بولمىسا، بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما 50 مىڭ يۈەن (50 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى بولسا، 18 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما 50 مىڭ يۈەن (50 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى بولسا، 13 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىدىغان ئىستېمالچىلار «يۈنشەنفۇ ئەپ دېتالى» ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىدىغان ئىستېمالچىلار يەنىلا «مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» تور بېكىتى ياكى ۋېيشىن، جىفۇباۋ، دوۋيىن، يۈنشەنفۇدىكى «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئالسا بولىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، كۈچەيتىلىپ، غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمەت لايىھەسى» ۋە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2024- يىللىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتى خىزمەت لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، «2024- يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»غا بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتى.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنى سېتىش مەيدانلىرى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باھادا ئېتىبار بېرىش، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، ئالدىن پۇل تۆلىمەسلىك، سوۋغات بېرىش قاتارلىق بىر قاتار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»دىن ئىبارەت كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، سىياسەت ۋە پائالىيەتتىن ئىبارەت قوش كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈن شەھەردە ئىستېمال قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ «1- ئۆكتەبىر» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە سېتىلغان ئاپتوموبىل 13 مىڭ 115كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 5721گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %316 ئاشقان؛ ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشقان.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە پۈتۈن شەھەر بويىچە 1789 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ئىلتىماسى سۇنۇلغان، بۇ ئارقىلىق يېتەكلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولغان سومما (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 150 مىليون يۈەندىن ئاشقان؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتىگە 23 مىڭ 329 ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى ئىلتىماس قىلىنىپ، 61 مىليون 371 مىڭ يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇنغان.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)