لى جىلياڭ سىزغان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گو يۈچياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ ۋېنخۇي
ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى باغچىلار گەرچە تىجارەت خاراكتېرلىك ئورۇن بولمىسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، سەۋەنلىك سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يېقىندا، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر بالىنىڭ باغچىدىكى كۆلدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، باغچە باشقۇرۇش تارماقلىرىنى %20 سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلدى.
2023- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 18لەر ئەتراپىدا، 5 ياشلىق لياڭلياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 10 ياشلىق ئاكىسىنىڭ يېتەكلىشىدە، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدىكى نېلۇپەر كۆلى باغچىسىغا بېرىپ ئوينىغان. بۇ جەرياندا، لياڭلياڭ نېلۇپەر كۆلىنىڭ رېشاتكىسىنىڭ بىر بۆلىكى يوق جايدىن كىرىپ، كۆل لېۋىدە ئويناۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. خەلق ساقچىلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، لياڭلياڭدا ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن خەلق ساقچىلىرى ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ۋەقە يۈز بەرگەندە لياڭلياڭنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىككىلىسىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لياڭلياڭنىڭ ئاتا- ئانىسى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولغان قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە باغچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل ئۆي- جاي مۇلازىمەت شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، نېلۇپەر كۆلى باغچىسىنى باشقۇرغۇچىلار بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ، 920 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لياڭلياڭ ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشى ھېسابلىنىدۇ، خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى كەمچىل، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى بالىسىنى كۆل بويىدا ئويناشقا يول قويۇپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، بۇ ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. نېلۇپەر كۆلىدە مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ۋە ياغاچ ئاسما يول تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياغاچ رېشاتكا ئورنىتىلغان ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بار، يەنە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى كۆلنى چارلايدۇ. ئەمما ۋەقە يۈز بەرگەندە، يۇقىرىدا دېيىلگەن ياغاچ رېشاتكىنىڭ كۆپ يېرى بۇزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسما يولنىڭ شىمالىدىكى 1- بۆلەك رېشاتكىنىڭ شادىلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مۇشۇ يوچۇقتىن كۆل لېۋىگە كەلگەندىن كېيىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. ئىككى جاۋابكار نېلۇپەر كۆلى باغچىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە رېشاتكا ئورنىتىش، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ چارلاپ كۆزىتىش قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن نېلۇپەر كۆلى ئەتراپىدىكى رېشاتكا يوچۇقىنى ۋاقتىدا ئېتىپ رېمونت قىلالماي، بىپەرۋالىق قىلغان، بۇ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلمىغانلىق بولۇپ، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
5- ئاينىڭ 14- كۈنى سوت مەھكىمىسى ئىككى جاۋابكارنىڭ %20 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، يەنى لياڭلياڭنىڭ ئاتا- ئانىسىغا تۈرلۈك زىيان ئۈچۈن جەمئىي 184121.04 يۈەن تۆلەم تۆلىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
لياڭلياڭنىڭ ئاتا- ئانىسى 1- سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
9- ئاينىڭ 5- كۈنى 2- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، نارازىلىق ئەرزىنى قانۇن بويىچە رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. باغچە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىنىپ خەتەردىن ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار، بىراق ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە چەكلىنىشى، خەتەر ئۆزىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، پائالىيەتتە پايدا ئېلىش- ئالماسلىق قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىشى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىنىڭ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يۈكىنى چەكسىز ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.
ئاتا- ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بالىلارغا باغچىنى مەدەنىي سەيلە قىلىش، ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)