ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچى قوشۇش كېرەك. «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال بەرگەنلىكى ۋە مۇھىم سۆز قىلغانلىقى ھەم تۆھپە قوشقان نەمۇنىچىلارنى يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن تەقدىرلىگەنلىك، ھەم يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن تۆھپە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، تۆھپە قوشقانلارنى، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ قەھرىمانلاردىن بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو 1- ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىللىرى، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە پۇئېردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسەم ئابىدىسى تىكلەپ قەسەم بەرگەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇشنى چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىي ئىقتىسادنى، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كەسپىنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا تىپىدىكى تولۇق كۇرس مائارىپىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتەن زېمىنىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەخسۇس تەبرىك خەت ئەۋەتكەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە» «تۆت چوڭ رول»نى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىڭتۇەن خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، سىياسەت تىرىكى، بايلىق تەقسىملەش، كۈچ كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى شىنجاڭ خىزمىتىدە باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چېگرا خەۋپسىزلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئېغىر خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش كېرەك.