«ئەتراپىمىزدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن ھوشيار بولايلى» ناملىق چاتما خەۋەر (3) تازىلىق ئۆيىنىڭ پەلەمپىيى «ئۆلچەم»دىن بىر سانتىمېتىر ئېگىز بولۇپ، خېرىدار يىقىلىپ چۈشۈپ مېيىپ بولۇپ قالسا مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
19:50:52 2024-10-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى يۈسېن، جاۋ پېڭ

 ئەمەلىي تۇرمۇشتا پەلەمپەينى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئەگەر پەلەمپەينىڭ لايىھەلىنىشى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا، ئامما دەسسىگەندە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ، جىسمانىي زىيان ۋە مال- مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى پەلەمپەينىڭ ئېگىزلىكى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر ماجىرانى سوت قىلدى.

 2023- يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، جيا x مەلۇم سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىگە بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتكەن. بۇ ئارىلىقتا، ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى ئالماقچى بولۇپ، ئىشىكنى ئىتتىرگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ، بېلى پەلەمپەيگە ئۇرۇلۇپ، بېلىنىڭ ئۈچ ئومۇرتقىسى سۇنۇپ كەتكەن، كېيىن 9- دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالاپ بېكىتىلگەن.

 جيا x بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، تازىلىق ئۆيىنىڭ يەر يۈزىدىكى سۇنى ۋاقتىدا تازىلىمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تازىلىق ئۆيىنىڭ پەلەمپىيىنىڭ ئېگىزلىكى «پۇقراۋى ئىمارەتلەر لايىھەسىنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۆلچەم» دېيىلىدۇ)دىكى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قاراپ، بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئىشتىن قېلىش پۇلى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، كېيىنكى داۋالىنىش خىراجىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىراجەتلەر ئۈچۈن جەمئىي 260 مىڭ يۈەن تۆلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، «ئۆلچەم»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاممىۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆي ئىچى- سىرتىدىكى پەلەمپەيلىرىنىڭ كەڭلىكى 0.3 مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى، ئېگىزلىكى 0.1 مېتىر بىلەن 0.15 مېتىر ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەككەن. ئىككى تەرەپ تاپشۇرغان دەلىل- ئىسپات ھەم دەۋاگەرنىڭ دېلو يۈز بەرگەن جاينى ئۆلچەپ چىققاندىكى سۈرىتىگە ئاساسەن، بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ھاجەتخانىسىدىكى ھەر بىر پەلەمپەينىڭ پەلەمپەي ئېگىزلىكىنىڭ 0.16 مېتىر بولۇپ، «ئۆلچەم»دىكى بەلگىلىمىدىن 0.01 مېتىر ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.

 دېلو بېجىرگۈچى سوتچى بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇلىغا قانۇننى يېشىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1198- ماددىسىدىكى مېھمانخانا، سودا ساراي، بانكا، بېكەت- ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، تەنتەربىيە سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن ماددىسىنى  چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، بۇ مەسئۇل خادىم جيا xنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 سوتچىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار كېلىشىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى جيا xكە 77 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيان تۆلىگەن.

 ئەسكەرتىش:

 پەلەمپەي بەك ئېگىز ياكى بەك تۆۋەن، يانتۇلۇقى بەك ئېگىز ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئاممىنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈشتىكى تۇراقسىزلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاسانلا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۇقرالار ئىمارەتلىرىنىڭ پەلەمپەينى لايىھەلىگەندە ئالاقىدار قائىدە ۋە ئۆلچەملەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پەلەمپەينىڭ مۇقىم، بىخەتەر ۋە قولايلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان پەلەمپەيلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125