داڭلىق يالقۇنتاغنى بويلاپ مېڭىپ شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيەسىگە كەلگىنىڭىزدە، تاغ گەۋدىسى بىر نەچچە جىلغا تەرىپىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئېقىن سۇنىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن يېرىقلار شەكىللىنىپ، چۆللۈكتىكى بوستانلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز.
بۇنىڭ ئىچىدە تۇيۇق كەنتى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ، بۇ قەدىمىي يىپەك يولى ئۆتىڭى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن جاي. دۆلىتىمىزدىكى تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئەنئەنىۋى كەنت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى تۇيۇق مەنزىرە رايونىنىڭ بىر چېتى (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
پىچان ناھىيەسى تۇيۇق كەنتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
پىچان ناھىيەسى تۇيۇق كەنتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
پۈتۈن كەنتتىكى 20دىن ئارتۇق جايغا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلار تارقالغان، تۇيۇق تاش غار توپى ۋە بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى 2010- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بولۇپ باھالانغان.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي يەر شەكلى بويىچە سېرىق توپىدىن خاڭداپ سېلىنغان ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ياكى مۇستەقىل سېلىنغان ئۆيى ۋە ياكى تاغنى بويلاپ تۇتاش قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئۆرپ- ئادەت ۋە تەبىئىي مەنزىرە بىر گەۋدىلىشىپ، شىنجاڭ «خام توپا قۇرۇلۇش مۇزېيى» دەپ ئاتالدى.
10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى تۇيۇق كەنتىنىڭ بىر چېتى.
تۇيۇق كەنتىدىكى بىر ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى (10- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).
ساياھەتچىلەر شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى تۇيۇق كەنتىدە سەيلە- ساياھەت قىلماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى، تارىخ بۇ يەردە ئىز قالدۇردى، بۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي كەنتنى قوغداش ئۈچۈن، شۇ جاي قوغداش ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ، «بىر ئۆيگە بىر لايىھە تۈزۈش»تەك قوغداش لايىھەسىنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەدىمىي ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى قوغدىدى، رېمونت قىلدى، مۇستەھكەملىدى.
كەنتنى قوغداش، رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە قاتناشقان ئىشچى كەنتتە كېتىۋاتماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
كەنت ئاھالىسى سېرىق توپا، شاخ- شۇمبا ۋە لاي بىلەن ئەنئەنىۋى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ تاملىرىنى رېمونت قىلماقتا (10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
كەنت ئاھالىلىرى ئۆي رېمونت قىلماقتا (10- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).
سول تەرەپتىكىسى 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان تۇيۇق كەنتىدىكى بىر ھويلىنىڭ سۈرىتى (10- ئاينىڭ 8- كۈنى ماتېرىيال سۈرەتتىن قايتا تارتىلغان)؛ ئوڭ تەرەپتىكىسى 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى ئوخشاش بىر جايدا تارتىلغان قوغداپ رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى ھويلىنىڭ سۈرىتى.
كەنت ئاھالىسى رېمونت قىلىنىپ مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىنكى ئۆيىگە نەرسە- كېرەك تىزماقتا ( 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى.
كىشىلەر تۇيۇق كەنتىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
كەنت ئاھالىسى ئېلى ھېزىبۇل بىلەن ئايالى سەلىمىخان سىدىق يېڭىدىن ياققان ناننى كۆرسەتمەكتە (10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
كەنت ئاھالىسى ئۇرايىم سىدىق ئېتىزدا ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى پۇتىماقتا (10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
كىچىك دوستلار چىرايلىق كىيىنىپ تۇيۇق كەنتىدە كېتىۋاتماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇيۇق مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى، ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، كەنتنىڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتى تەدرىجىي بېيىدى.
ساياھەتچىلەر تۇيۇق كەنتىدە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر تۇيۇق كەنتىدە ساياھەت قىلماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
ساياھەتچىلەر تۇيۇق جىلغىسىدا بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
ساياھەتچىلەر تۇيۇق كەنتىدىكى بىر يوقلىمىدىن ئۆتۈش نۇقتىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە (10- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).
ساياھەتچىلەر تۇيۇق كەنتىدە سەيلە- ساياھەت قىلماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت سۈرىتى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، چۈشەندۈرگۈچىلەر... بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى «ساياھەت تامىقى» يەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تېز يولىغا ماڭدى.
ساياھەت سۈرىتى تارتىدىغان فوتوگراف تۇيۇق كەنتىدە كېتىۋاتماقتا (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
كەنت ئاھالىسى مېھرىگۈل ئىبراھىم ئائىلىسىنىڭ قۇرۇق مېۋە يايمىسى ئالدىدا (10- ئاينىڭ 8- كۈنى تارتىلغان).
كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئەخمەت ئائىلىسىنىڭ ئىچىملىك دۇكىنىدا ئارام ئالماقتا (10- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).
بىر ياش تور رىياسەتچىسى تورداشلارغا كەنتنىڭ مەنزىرىسى، مەدەنىيىتى، خاس مەھسۇلاتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرماقتا (10- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).
ساياھەت يېتەكچىسى مەرھابا ئابلىكىم (سولدا) ساياھەتچىگە مەنزىرە رايونىنى تونۇشتۇرماقتا (10- ئاينىڭ 7- كۈنى تارتىلغان).
تۇيۇق كەنتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە پايدىلىنىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قەدىمىي كەنتنى قوغداش ۋە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ھەم ساياھەت ئىقتىسادى ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ، يىپەك يولى قەدىمىي ئۆتىڭىنى داۋاملىق جۇلالاندۇرىدۇ.
تۇيۇق كەنتىنىڭ بىر چېتى (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان).
مۇخبىر: چېن سۇ، خۇ خۇخۇ
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)