10- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، 2024- يىللىق مەملىكەتلىك رۇداۋچە چېلىشىش جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانخات شەھىرى ئارۇكورچىن خوشۇنىدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭلىق رۇداۋچە چېلىشىش ماھىرى ئايمەن جېڭىسنۇر ئاياللارنىڭ 78Kg+ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ئايمەن جېڭىسنۇر (سولدىن تۆتىنچى) بىلەن تىرېنېرى ۋاڭ پېڭفېي (سولدىن ئۈچىنچى).
ئايمەن جېڭىسنۇر (كۆك كىيىملىك) مۇسابىقىدە.
بۇ ئالتۇن مېدال ئايمەن جېڭىسنۇرنىڭ 2024- يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رۇداۋچە چېلىشىش تۈرىدە 78Kg+ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مۇشۇ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئېرىشكەن 2- ئالتۇن مېدالى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2024- يىللىق مەملىكەتلىك رۇداۋچە چېلىشىش جۇغلانما نومۇر مۇسابىقىسىدە جەمئىي ئۈچ بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلانخات شەھىرى ئارۇكورچىن بېكىتى تۇنجى مۇسابىقە بېكىتى قىلىنغان، مەملىكەت بويىچە 33 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن 528 تەنھەرىكەتچى بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، 15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسكىن مۇسابىقىلىشىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)