ليۇ يۈخەن
مەن قېلىن ئەسلىمە خاتىرەمنى ۋاراقلىۋىدىمم، كاللامدا پېچەتلىنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەر قەلبىمگە دولقۇندەك ئۇرۇلۇپ، يۈرىكىمدە ئۇزاقتىن يوقاپ كەتكەن تونۇش تۇيغۇ پەيدا بولدى ... ئاشۇ ئىللىقلىق، ئاشۇ ماڭا تەۋە ئىللىقلىق ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى.
ئىللىقلىق ئېتىزدا. سەھەردە، بوۋام ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا بېقىپ سايمانلارنى ئېلىپ كۆكتاتلىققا كەلدى، مەن ئۆيدە يالغۇز قېلىشنى خالىماي، بوۋامنىڭ يىرىك قوللىرىغا ئېسىلغىنىمچە كۆكتاتلىققا كەلدىم. بوۋام بىر مىنۇتمۇ ئارام ئېلىشنى خالىماي، مېنى قىرغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئەمگەكنى باشلىدى، مەن بىر چەتتە زېرىكىشلىكتىن ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يۇلۇپ، ئۆزۈم يالغۇز ئوينىدىم، ھېرىپ قالغىنىمدا، بوۋامنىڭ يېنىغا بېرىپ سايمانلارنى قولۇمغا ئالدىم. «بوۋا، مەن سىزگە ياردەملىشەي» دەپ توۋلىسام، بوۋام ئامراقلىقى كەلگەن ھالدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بالام، سەن تېخى كىچىك، بۇنداق ئىش ساڭا ماس كەلمەيدۇ، ئاۋۇ ياققا ئۆتۈپ ئويۇنۇڭنى ئوينا»، دېدى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بېشىدىكى چىغ قالپىقىنى بېشىمغا كىيگۈزۈپ قويدى. چىغ قالپاق چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بوۋامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى، بۇ مۇھەببەت يازدىكى دالىنىڭ ئىللىقلىقىغا تولغان ئىدى.
ئىللىقلىق ھەمراھلىقتا. شەبنەم تامچىلىرى يوپۇرماق ئۇچىغا يېپىشىپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا تاكى تاڭ سەھەرگىچە ھەمراھ بولىدۇ، يېشىل يوپۇرماقلار كېرىلىپ، گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ توزۇشىغا تاكى كەچ كۈزگىچە ھەمراھ بولىدۇ. يېرىم كېچىدە، كەنت جىمجىت ئىدى، مەن ئۆزۈم يالغۇز دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم، «بوۋا، ئاتا- ئانام قاچان مېنى ئالغىلى كېلىدۇ؟» «ئاز قالدى.» مېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، بوۋام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا پارقىراق قوڭغۇز تۇتۇپ بەردى. قاراڭغۇ كېچىدە، مەن بوۋام بىلەن خۇشال ئوينىدىم، بوۋامنىڭ ھەمراھلىقى يەنىلا مېنى ئىللىتتى.
ئىللىقلىق يىڭنە ئىزىدا. كۆك خىش، يېشىل كاھىشلىق تۆت چاسا ھويلىدا بوۋام قۇياش نۇرى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۇپراپ تېشىلىپ كەتكەن ئىشتىنىمنى ياماۋاتاتتى، قۇياش نۇرى بوۋامنىڭ كۈمۈش رەڭلىك چاچلىرىغا چۈشۈپ تۇراتتى. بوۋام بىر قولىدا يىپنى، بىر قولىدا يىڭنىنى تۇتۇپ تۇراتتى، بوۋام يىڭنىنى كۈنگە قارىتىپ تۇتۇپ قولاشمىغان ھالدا يىپ ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتاتتى، مەن بىر چەتتە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇراتتىم. ئۇزاق ئۆتمەي، بوۋام ياماپ بولغان ئىشتاننى ماڭا بەردى، گەرچە چىرايلىق يامالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىللىقلىققا تولغان ئىدى. قۇياش نۇرى بوۋامنىڭ بەدىنىگە، ئىجىر- مىجىر يىڭنە ئىزىغا، يىڭنە ئىزىدىن ئىللىغان قەلبىمگە چۈشمەكتە ئىدى.
مانا مۇشۇنداق بىر ئادەم ماڭا ھەمراھ بولۇپ ياشلىق باھارىمنى ئۆتكۈزدى، ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىمنى بىللە ئۆتكۈزدى؛ مانا مۇشۇنداق بىر ئاددىي ئادەم مېنى ئىللىتىپ، ماڭىلا خاس بولغان ئىللىقلىقنى بېغىشلىدى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى گاۋمىڭ رايونلۇق ساڭجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)