2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى
17:16:31 2024-10-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ شياۋشۇاڭ) 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى قەشقەر داشۆدە باشلاندى.

 بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئوغۇللار «A» گۇرۇپپىسى، ئوغۇللار «B» گۇرۇپپىسى، قىزلار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا تەسىس قىلىندى، شىنجاڭ ئىچىدىكى 24 ئالىي مەكتەپتىن 31 كوماندا، 706 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى.

10- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مەيدانغا كىرىش ئالدىدا. مۇزەپپەر ئابدۇجاپپار فوتوسى

10- ئاينىڭ 10- كۈنى، ماھىرلار مۇسابىقىدە كەسكىن ئېلىشماقتا. شەھىدە ئاقنىياز فوتوسى

 ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2022- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (داشۆ گۇرۇپپىسى)دە تۇنجى قېتىم قىزلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ، پۇتبول ھەرىكىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، پۇتبول ئارزۇسىنى قوغلىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ قىزلارغا ماھارىتى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. قەشقەر داشۆنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە مىجىت ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايونلۇق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇ ئىشەنچكە تولدى، «پۇتبول ئويناش ماڭا كوللېكتىپ ھەمكارلىق ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ماڭا ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق بېغىشلىدى! بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىللە ھەقىقىي سەۋىيەدە مۇسابىقىلىشىپ، مەكتەپ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شان- شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى قەدىرىيە. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125