ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
20:49:22 2024-10-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك 

10- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي توققۇزتارا ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ گورۇڭ ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئوتتۇراھال يۇقىرى بېسىملىق خىمىيەلىك ياپراقچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ غۇلجا، چاپچال، تېكەس، توققۇزتارا قاتارلىق شەھەر، ناھىيەلەرگە بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىيات خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى قۇۋۋىتى ۋە يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىغا بېرىپ، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، «يېڭى سانائەت پەنلىرى» قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرگە بولغان ئېھتىياج تولىمۇ تەخىرسىز بولماقتا. يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پەن قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي غۇلجا شەھەر چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم شادلىق كۆرىكى ئاقىل مەدەنىيەت- ساياھەت شەھەرچىسى، سىلۇ تيەنيۈ خەلقئارا مەدەنىيەت شەھەرچىسى تۈرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى مول، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئايرودۇرۇم، يول، مەدەنىيەت- ساياھەت مېھمانسارىيى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سەرخىل تۈرلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يېقىندىكىلىرىنى خۇشال قىلىدىغان، يىراقتىكىلىرىنى جەلپ قىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي چاپچال ۋە تېكەسكە كېلىپ، يىتەي ئىلى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، چيەنخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئېغىر تىپتىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرى قۇرۇلۇشى ۋە بوگۇتۇ ئالتۇن كېنىنى چارلاش- ئېچىش خىزمىتىنى ئايرىم- ئايرىم ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بايلىقىنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تايانچ قىلىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ما شىڭرۇي بوگۇتۇ ئالتۇن كېنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- تۈزەش خىزمىتىنى تەپسىلىي تەكشۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىلىنىڭ سۈزۈك سۈيى، يېشىل تېغىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. توققۇزتارا ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي شىنجاڭ گورۇڭ ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئىلى جياڭنىڭ بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، ئوتتۇراھال يۇقىرى بېسىملىق خىمىيەلىك ياپراقچە ۋە بىيو ياسالما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، رىقابەت ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 غۇلجا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېڭىھايات ساقچىخانىسىدا، ما شىڭرۇي ساقچىخانىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل سورىدى ھەم نوپۇس مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ، ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بېجىرىدىغان ئىش تۈرلىرى، بېجىرىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى سورىدى. ما شىڭرۇي ئوبلاست، شەھەر ئىككى دەرىجىلىكنىڭ بىرىنچى سەپ ساقچى كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ساقچىخانا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ، ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىدۇ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئەڭ بىۋاسىتە بولۇپ، مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

 ما شىڭرۇي توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تىكئېرىق بازىرى شاربۇچۇن كەنتىگە كېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشقۇرۇلۇشى، يۈرۈشۈشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن- ئاخىر پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتا، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پائال پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، چوڭ- چوڭ تۈرلەردە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال سىڭىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ رايون يېتەكچى كەسپى، خاس كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۈرتكىسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، ماجىرالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، تۈگىتىشنىڭ كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125