تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى − «<بىر بەلباغ بىر يول> ۋە شىنجاڭ» 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدۇ
11:41:56 2024-10-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا) تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى − «<بىر بەلباغ بىر يول> ۋە شىنجاڭ» 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو تىل- يېزىقى خەلقئارا قانىلى ۋە ئەرەب تىلى قانىلىدا سائەت 23:00تە ماس قەدەمدە كۈندە بىر قىسىمدىن كۆرسىتىلىدۇ.

 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىلەن مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىز تىلى يەر شارى پىروگرامما مەركىزى بىرلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى − «<بىر بەلباغ بىر يول> ۋە شىنجاڭ»دىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەخسۇس فىلىم جەمئىي تۆت قىسىم بولۇپ، ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئىكەن، فىلىمدە «خەلقئارا يول»، «دولقۇن ئىچىگە سىڭىشىش»، «ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش»، «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاساسىي تېما چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلقئارا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە دۇنياۋى ھەمكارلىقتىكى ئاچقۇچلۇق رولى ۋە تۆھپىسى نامايان قىلىنغان. بۇ فىلىم يەنە يېقىندا CGTNنىڭ ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىسپان تىلى ۋە رۇس تىلى قاناللىرىدا ئارقا- ئارقىدىن قويۇلىدىكەن، شۇ ناملىق كىتابنى جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقىدا نەشر قىلىش- تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشرىياتى نەشر قىلىدىكەن.

سۈرەتتە يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125