تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ۋاقىت ھەممىگە گۇۋاھ
11:23:15 2024-10-14 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى بىر دوستۇم بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ 12 يىل داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق كۈندىلىك خاتىرىسىنى كومپيۇتېردا توپلام قىلىپ ئىشلىدى. بۇ خاتىرىگە 4300 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار بىر- ئىككى جۈملىدىن خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خەت سانى 500 مىڭدىن ئاشقانىدى. نۇرغۇن يېزىق، زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قاراپ دوستۇم ھاياجانلىنىپ،  قىزىقىش ئىلكىدە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ، كەچۈرمىشلىرىنى بىر- بىرلەپ ئەسكە ئالدى.

 نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئىچىدىكى تۇرمۇش تۈسىنى ئالغان بۇ بىرنەچچە گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم.

 كۈندىلىك تۇرمۇش جەھەتتە، دوستۇم «دەم ئېلىش» دېگەن سۆزنى2057  قېتىم، «سەيلە قىلىش» دېگەن سۆزنى 683 قېتىم، «تورغا چىقىش» دېگەن سۆزنى 473 قېتىم تىلغا ئاپتۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، «ھاراق ئىچتىم» دېگەن سۆز 47 قېتىم، ئەمما «مەست بوپتىمەن» دېگەن سۆز 70 قېتىم خاتىرىلەنگەن  بولۇپ، بۇنىڭدىن ھەرقانداق كىشىنىڭ «مەست» ھالىتىنى چوڭقۇر ئەستە ساقلايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئوغلىنى 2579 قېتىم، خوتۇنىنى 753 قېتىم تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پەرزەنتنىڭ ھەربىر ئائىلىنىڭ ھەقىقىي «مەركىزى» ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

 كەيپىيات  توغرىسىدىكى خاتىرىلەشتىن قارىغاندا، «خۇشال بولدۇم» دېگەن سۆز 79  قېتىم، «ھېرىپ-چارچىدىم» دېگەن سۆز 41 قېتىم، «خۇش خەۋەر» دېگەن سۆز 36 قېتىم، «ئەپسۇسلاندىم» دېگەن سۆز 27 قېتىم، «ياش تۆكتۈم» دېگەن سۆز 15 قېتىم تىلغا ئېلىنغانىدى. مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ياش تۆككەنلىكىگە قىزىقىپ سورىۋېدىم، ئۇ  ئوغلىنىڭ ئىشلىرىنى خاتىرىلەش جەريانىدا 12 قېتىم يىغلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئۈچ قېتىملا يىغلىغانلىقىنى ئېيتتى.

 ۋاقىتقا چىنلىق تۇيغۇسى مۇجەسسەملەنگەن. ئادەمنىڭ ھاياتىنى كومپيۇتېر پىروگراممىسىغا ئوخشاتساق، بۇ دۇنيادا نەچچە ئون يىل ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، سىز قالدۇرغان ئەسلىمە ھەم سانلىق مەلۇماتقا، ھەم قايتقىلى بولمايدىغان ۋاقىتقا ئايلىنىدۇ. دوستۇمنىڭ تەپسىلىي تەھلىلى ئارقىلىق، ئەينى يىللاردىكى سايەمنى  تېپىۋالغاندەك بولدۇم، لېكىن ۋاقىت ماڭا بەرگەن چىنلىق تۇيغۇسى دوستۇمنىڭكىدەك چىن ۋە ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى، يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ۋاقىتلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

 ۋاقىت ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل، ھەققانىي ئۆلچەم بىرلىكى، ئۇ ھازىرغىچە ھېچكىمنى ئالداپ باقمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125