ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئاي، دەل كۈزگى بۇغداي تېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۈششۈك چۈشۈشتىن بۇرۇن كۈزگى بۇغداينى تېرىپ بولۇشقا ئالدىراپ، كېلەر يىلى يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن بازىرى رۇيفېڭ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى گۈرۈلدەپ، بۇغداي ئۇرۇقى سېلىش ماشنىلىرى كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقتا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، دانىمۇدانە توق بۇغداي ئۇرۇقلىرى ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى تېز سۈرئەتتە تۇپراققا كۆمۈلۈپ، نەق مەيداندا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. بۇ يىل، شۇ جاي ھەرقايسى يېزا- بازارلارنى كۈزگى بۇغداينى «قۇر ئارىلىقىنى كىچىكلىتىپ زىچلىقنى ئاشۇرۇش» ۋە «قۇرنى كۆپەيتىپ زىچلىقنى ئاشۇرۇش»تەك تېرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە پائال ئىلھاملاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى، تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىش، قۇرۇق تېرىپ ئاز- ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىدىيەلەر ئەمەلىيلىشىپ، باشاق سانىنىڭ مول ھوسۇللۇق، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇش ئۆلچىمىگە يېتىشىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىككى مىليون 600 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر پىلاننىڭ %80ى تاماملىنىپ بولغان، 10- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتراپىدا ئومۇميۈزلۈك تېرىش تاماملىنىدىكەن.
(نازارەتچى: جاڭ لى، ۋاڭ شىنيۈ، باش مۇھەررىر: سۇ مېڭ، مۇھەررىر: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن: گو يوۋجۈن، ھەمكارلاشقان تاراتقۇ: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)