تۇرمۇش تەسىراتلىرى |كېچىچە ئۇخلىمايدىغانلاردا «چارچاشتىن كېلىپ چىققان پۇراق» پەيدا بولىدۇ
13:02:47 2024-10-14 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 كېچىچە ئۇخلىمايدىغانلاردا بىر خىل «چارچاشتىن كېلىپ چىققان پۇراق» پەيدا بولىدۇ، بۇ ئادەتتىكى تەر پۇرىقىغا ئوخشىمايدۇ، چارچاشتىن كېلىپ چىققان پۇراق بىر خىل مۇرەككەپ پۇراق.

 بىر جەھەتتىن، كېچىچە ئۇخلىمىغاندا ماددا ئالماشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان جىگەرنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنى پارچىلاشتىن پەيدا بولغان ئاممىياكنى تولۇق بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، قالدۇق ئاممىياك قان ئايلىنىشقا ئەگىشىپ تېرە ئاستىنقى قەۋىتىگە تارىلىدۇ، ئاندىن تەرگە قوشۇلۇپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان بىر خىل پۇراقنى پەيدا قىلىدۇ.

 يەنە بىر جەھەتتىن، كېچىچە ئۇخلىمىغاندا ئەرلىك ھورمون ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىپ تېرىنىڭ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۆپىيىدۇ، بۇ ئاساسلىقى تېرە ياغ بېزى مەركەزلەشكەن ئورۇنلارغا، مەسىلەن، قولتۇق، كۆكرەك، دۈمبە، بويۇن قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، شۇڭا، كېچىچە ئۇخلىمىغانلار ھەمىشە باش قىسمىنىڭ تېزلا مايلىشىپ، ماي ئوكسىدلانغاندىن كېيىن غەيرىي پۇراق پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، كېچىچە ئۇخلىمىغاندا، ئادەم سۇ ئىچىشكە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى سۇ مىقدارى ئازىيىپ، ئېغىز قۇرۇش ۋە سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېغىزدىكى شۆلگەي ئازىيىدۇ، شۆلگەينىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى تازىلاشقا ۋە ئېغىز پۇراشنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرۇشقا ياردىمى بار. شۇڭا، كېچىچە ئۇخلىمىغاندا ئېغىز پۇراش ئەھۋالىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

 چارچاشتىن كېلىپ چىققان پۇراقنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى يەنىلا ئىمكانقەدەر كېچىچە ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 7 - 8 سائەت يېتەرلىك ئۇخلىشى كېرەك. كېچىدە ۋاقتىدا ئۇخلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە خامۇشلۇق كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125