ھازىر پەسىل قۇشلىرى جەنۇبقا كۆچىدىغان مەزگىل بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇلۇق كۆلى − شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. كۆل يۈزىدە زۇمرەتدولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ، توختاپ دەم ئېلىۋاتقان ۋە يەم ئىزدەۋاتقان پەسىل قۇشلىرى كۆل سۈيى، قومۇش، قۇملۇق بىلەن بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، جانلىق ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. ساياھەتچىلەر بەس- بەستە كېلىپ تاماشا قىلىپ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. باغراش كۆلى قەدىمدە «غەربىي دېڭىز» دەپ ئاتالغان بولۇپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. شۇ جايدىكى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قۇشلارنى تاماشا قىلىش پونكىتى تەسىس قىلىپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزەتتى، ھەم يارىلانغان قۇشلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتتى، باغراش كۆلى قۇشلارنىڭ تەبىئىي سورۇنىغا ئايلىنىپ، تەبىئىي، جانلىق گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.
(نازارەتچى: جاڭ لى، ۋاڭ شىنيۈ، باش مۇھەررىر: سۇ مېڭ، مۇھەررىر: ئۈرۈمچى رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن خالىدىن ئادىل، ھەمكارلاشقان ئورۇن: بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)