مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز مۇھىم قوغداش قىممىتىگە ئىگە 8155 كەنتنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. كېيىنكى قەدەمدە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىن ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە جەمئىي 8155 كەنت جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قوغداش يولغا قويۇلغان، 16 ئۆلكە 5028 كەنتنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، 556 مىڭ كورپۇس ئەنئەنىۋى ئىمارەتنى قوغدىغان، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 5965 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇلارنى راۋاجلاندۇرغان، 5518 كەنتنىڭ كەنت تارىخى، كەنت تەزكىرىسى تۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)