ئۆيىمىزنى بېزەۋاتقان چاغدا، مەن لىنكوۋغا بېرىپ ئاسار- ئەتىقە بۇيۇملىرى دۇكىنىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان ئىشىك- دېرىزىدىن بىرنەچچىنى سېتىۋالدىم ۋە ياغاچچى ئۇستامغا دېرىزىنىڭ نەقىشىنى سۆكۈپ ئېلىپ، يېڭى ئۆيىمىزنىڭ ئىشىك- دېرىزىسىگە ئورنىتىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم.
ئۆيىمىزنى بېزەۋاتقان بۇ ياغاچچى شەھىرىمىزدە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇستام ئىدى، ھەرقانداق نەپىس ئائىلە جاھازىلىرىنى ئانچە قىينالمايلا ياسايتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بۇ كونا ئىشىك- دېرىزىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي ماختاپ كەتتى، گەپ- سۆزلىرىدىن چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە قىزىقىش ھېسلىرى بالقىپ تۇراتتى.
«نەقىشلەرنىڭ لايىھەلىنىشى، تۈزۈلۈشى ياكى چېتىقلىرىنى چېتىش جەھەتتە بولسۇن، يۈز نومۇر قويۇشقا تامامەن ئەرزىيدىكەن، قىلچە ئېۋەن تاپقىلى بولمايدىكەن. تۆت قاناتلىق بۇ ئىشىك- دېرىزىگە قارىڭە، بىر تالمۇ مىخ ئىشلىتىلمەپتۇ، قەدىمدە شىلىمغا ئوخشاش چاپلاشتۇرىدىغان نەرسىلەر يوق تۇرۇقلۇق چېتىقلىرى شۇنچىلىك مۇكەممەل جىپسىلاشتۇرۇلۇپ چېتىلىپتۇ، شۇڭا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەپتۇ، ھېچقانداق زەخىمگە ئۇچرىماپتۇ» دېدى ئۇ.
«ناۋادا مۇشۇنداق نەقىش چۈشۈرۈلگەن ئىشىك- دېرىزە ياساش سىزگە تاپشۇرۇلسا، ھېچقانداق مىخ ۋە شىلىم ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ياسىيالامسىز؟» دەپ سورىدىم ئىختىيارسىز.
«بۇنىڭغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىيالايمەن، ھەتتا بۇنىڭدىمۇ ياخشى ياسىيالىشىم مۇمكىن، لېكىن ياسىمايمەن ھەم ياسىغۇممۇ يوق»، دېدى ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ.
«نېمىشقا؟»
ياغاچچى ئۇستام زامانىمىزدىكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ نەقىش چىقىرىلغان بىر دېرىزىنى ھېچقانداق ئەسۋاب ئىشلەتمەي ئىككى قولىغىلا تايىنىپ ياسىماقچى بولسا، ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىنى 3000 يۈەن دەپ ھېسابلىسا، بۇنىڭغا ماتېرىياللارنى قوشقاندا بىر دېرىزىنىڭ ياسىلىش ھەققى ئاز دېگەندىمۇ 150 مىڭ يۈەن بولىدىكەن، لېكىن ھەقىقىي كونا پاسوندىكى بىر دېرىزىنى بازاردىن 5000 - 6000 يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي بېزىگەندە، كىممۇ بىر يېرىم ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر دېرىزە ياسايدىغان ياغاچچىنى ئىشلىتىشنى خالىسۇن؟
«يەنە كېلىپ، قەدىمكىلەر ئۆي سېلىپ ئىشىك- دېرىزىلەرنى ياساتقاندا، ھەممىسى ئەۋلادلارنى كۆزدە تۇتۇپ، 100 يىلنى مۆلچەرلەپ كۆڭۈل قويۇپ ياسىتىدۇ. زامانىمىزدىكى كىشىلەردىن بىر ئۆيدە ئون يىلدىن ئارتۇق تۇرىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز تۇرسا، دېرىزىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرەتتى؟» ياغاچچى ئۇستام مۇنداق دېدى: «ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا ياساپ بولالمايمەن؛ كۆڭۈل قويۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا مېنىڭ ياسىغۇم يوق».