ھەيران قالارلىق كۈز مەنزىرىسى! فۇشىڭ ناملىق پويىز ئالتۇن رەڭ شاللىقتىن ئۆتمەكتە
13:42:09 2024-10-14 تىيانشان تورى

ئالتۇن كۈز پەسلى  مول ھوسۇل شادلىقى مەزگىلى

تۆمۈريول بويى رەڭدار تۈسكە كىرگەن بولۇپ

غايەت زور پولات ئەجدىھا ئالتۇن رەڭ شاللىقتىن  ئۆتكەندە

گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى

قوش گۇرۇپپىلانغان فۇشىڭ ناملىق پويىز خۇەيخۇا تۇڭۋەن بازىرى فېيجياتيەن كەنتىدىن ئۆتمەكتە، يېزا-قىشلاق كۈز مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەللىككە تولغانىدى. لياڭ يابەي فوتوسى

خەينەن ئارال ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان فۇشىڭ ناملىق پويىز شاللىق بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندى. سەي جىڭ فوتوسى

请输入图片描述

شاڭخەي ـ كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا، قوش گۇرۇپپىلانغان فۇشىڭ ناملىق پويىز خۇنەن ئۆلكىسى جۇڭفاڭ ناھىيەسىنىڭ شىنجيەن بازىرىدىن ئۆتمەكتە. لى شياۋپىڭ فوتوسى

خاڭجوۋ - شېنجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان سۆسۈن رەڭلىك فۇشىڭ ناملىق پويىز ئالتۇن رەڭ شاللىقتىن ئۆتمەكتە. لۈ جيېچېن فوتوسى

دولقۇنلىنىپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ شاللىقنىڭ ئۇ چېتىگە كۆز يەتمەيتتى

ئۇ خۇددى قۇياش نۇرىدىن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان دېڭىز - ئوكيانغا ئوخشاپ قالغانىدى

ھەر بىر تۈپ شالنىڭ باشىقى تولۇق دان تۇتقان بولۇپ

زېمىننىڭ كۈز پەسلىدە ئەڭ سېخىيلىق بىلەن قىلغان ھەدىيەسىدۇر

جەنجياڭ - خەينەن لىنىيەسى بويىدىكى دولقۇنلاپ تۇرغان شال باشاقلىرى. زوۋ شۈخۇي فوتوسى

شاللار مەيىن شامالدا يېنىك ئىرغاڭلاپ

گويا تۆۋەن ئاۋازدا «مول ھوسۇل ناخشىسى» ئېيتىۋاتاتتى

دېھقانلار شاللىقتا موكىدەك ئۆتۈشۈپ

زېمىننىڭ شائىرلىرى كەبى

قان ـ تەرى بىلەن

مول ھوسۇل توغرىسىدىكى گۈزەل داستاننى پۈتۈپ چىققانىدى

جەنجياڭ - خەينەن لىنىيەسى بويىدا، دېھقانلار شال ئورۇماقتا. زوۋ شۈخۇي فوتوسى

پويىزنىڭ غۇيۇلداپ ئۆتۈشىدىكى شامالدا

قاتمۇقات شاللىق دولقۇنلاندى

زېمىن گويا پويىز بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى

بۇ ئۇسسۇلدىكى ئالتۇن رەڭ بولسا

جاپالىق ئەمگەككە قىلىنغان مەدھىيە ئىدى

فۇشىڭ ناملىق پويىز خۇنەن خۇەيخۇادىكى گۈزەل كەنتتىن ئۆتمەكتە. لى شياۋپىڭ فوتوسى

بۇ كۈز پوسۇلكىسىدا

پويىزنىڭ «خاس» پەسىل گۈزەللىكى بار

ئاشۇ قېنىق ۋە سۇس بولغان يېشىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل رەڭلەر

ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ

رەڭدارلىق، جىمجىتلىق

گۇڭگا ھەم رومانتىك ئىدى

پويىزنىڭ رەڭدار كۈز مەنزىرىسدىن  ئۆتۈشى

پەقەت بىر بۆلەك سەپەر بولۇپلا قالماي

بىر مەيدان كۈز بىلەن بولغان رومانتىك ئۇچرىشىشتۇر

بىز سەپەر جەريانىدا

دېرىزە سىرتىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا

تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە سىرلىقلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125