يۈرەكنى قۇۋۋەتلەشتە بۇ بەش ھەرىكەتنى دائىم ئىشلەپ بېرىڭ
17:04:24 2024-10-14 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 

يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش گىمناستىكىسىنى كۆپرەك مەشىق قىلغاندا، كۆكرەكنى كېڭەيتىپ، يەلنى، يۈرەك رىتىمىنى تەڭشەپ، يۈرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى: بىرىنچى، شەنجۇڭ پەللىسى (كۆكرەكنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى)نى ئۇرۇپ بېرىڭ، ئون بارمىقىڭىزنى گىرەلەشتۈرۈپ مۇشتىڭىزنى تۈگۈپ، ئىككى قولىڭىز بىلەن راھەت ھېس قىلغۇچە تەخمىنەن بىر مىنۇت يېنىك ئۇرۇپ بېرىڭ؛ ئىككىنچى، جىچۈەن پەللىسىنى ئۇۋۇلاڭ، جەينىكىڭىزنى ئېگىپ، ئالقىنىڭىز بىلەن گەجگىڭىزنى بېسىپ، يەنە بىر قولىڭىزنىڭ تۆت بارمىقىنى جۈپلەپ تەبىئىي ھالدا قولتۇقىڭىزغا قويۇپ، چىڭقىلىپ ئۇيۇشقاننى ھېس قىلغۇچە ئوڭ- سولغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بېرىڭ؛ ئۈچىنچى، جەينەك ئويمىنىنى ئۇرۇپ بېرىڭ، بىلەكنى تۈز سوزۇپ، كاۋاك مۇشتىڭىز بىلەن جەينەك ئويمىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئوڭ- سولغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يېنىك ئۇرۇپ بېرىڭ؛ تۆتىنچى، يۈرەك تومۇرى ۋە يۈرەك قېپى تومۇرىنى بېسىپ ئۇۋۇلاڭ، كاۋاك مۇشتىڭىز بىلەن قولتۇقتىن بارماققىچە ئوڭ- سولغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۇۋۇلاڭ؛ بەشىنچى، يۈرەك تومۇرى ۋە يۈرەك قېپى تومۇرىنى سوزۇڭ، بىلىكىڭىزنى تۈزلەپ، ئالقىنىڭىزنى سىرتقا قارىتىپ، يەنە بىر قولىڭىز بىلەن بېسىۋالغاندىن كېيىن ئوڭ- سولغا 30 قېتىمدىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ سوزۇپ بېرىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125