تۇرمۇش تەسىراتلىرى | تەلەپچان بولۇش ئۇنچە قىيىن ئەمەس، بۇ تۆت ئىشتىن باشلاپ سىناپ بېقىڭ
17:06:03 2024-10-14 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 قىزىقىدىغان بىر ئىشنى تېپىڭ

 كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغانلارغا سەھەر تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش جاپا بىلىنمەيدۇ؛ يۈگۈرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. تەلەپچان بولۇش ئۆزىنى مەلۇم بىر خىل تۇرمۇش شەكلىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئەمەس، بەلكى قىزىقىدىغان بىر ئىشنى تېپىش ھەم قىزغىنلىقنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشتۇر.

 بىر ئىشنى قىلىشنى قارار قىلىش قىيىن ئەمەس، قىيىن بولغىنى ھەر كۈنى تەكرار-تەكرار قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش. قىزغىنلىقنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغاندىلا، خىرىس ئالدىدا چېكىنمەيدىغان بولىسىز، سىجىل ئىلگىرىلەش داۋامىدا تەلەپچانلىق ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلالايسىز.

 باسقۇچلۇق نىشان بېكىتىڭ

 ھەقىقىي تەلەپچان ئادەم يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باسقۇچلۇق نىشاننى پىلانلاپ، باسقان ھەربىر قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ كۈچلۈك تاشلىيالايدۇ.

 مارافون يۈگۈرۈشىنى بىر نۆۋەتتە تاماملاش بەلكىم ناھايىتى قىيىن بولۇشى مۇمكىن، سىز ھەر كۈنى ئىككى كىلومېتىر يۈگۈرۈشنى نىشان قىلىپ بېكىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ نىشانىڭىزغا قىينالمايلا يېتىپ، كېيىنكى نىشانىڭىزغا جەڭ ئېلان قىلغىنىڭىزدا، ئىلگىرى يۈگۈرگەن ھەربىر قەدىمىڭىزنىڭ تەدرىجىي ھالدا مەزمۇت تاشلانغان تەلەپچانلىق قەدىمىگە ئايلانغانلىقىنى بايقايسىز.

 كونكرېت پىلان تۈزۈڭ

 پىلان ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، يول لىنىيەسى ئېنىق بولغاندىلا، ئېزىپ قالمايسىز. تېخىمۇ تەلەپچان بولىمەن دېسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزگە كونكرېت، قىلىشقا ئاسان بولغان بىر پىلان تۈزۈڭ ھەم ئۇنى تىرىشىپ ئورۇنداڭ.

 بالدۇر ئۇخلاشنى ئويلىسىڭىز، چىراغنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ ئارام ئېلىڭ، يان تېلېفونىڭىزنى يېنىڭىزغا ئەكەلمەڭ؛ كىتاب ئوقۇشنى پىلانلىغان بولسىڭىز، ھەر كۈنى مۇقىم بىر ۋاقىت بۆلىكى بەلگىلەپ، تىنچ ئولتۇرۇپ بىرقانچە ۋاراق ئوقۇڭ...تەلەپچانلىق ئۇزاققا سوزۇلغان جەريان، كۈندە داۋاملىق ئىلگىرىلىگەندىلا، كىشىلىك ھاياتتا ئىزچىل ئالغا باسقىلى بولىدۇ.

 ئۆزىڭىزگە «ئاكتىپ رىغبەتلەندۈرۈش» بېرىڭ

 تەلەپچانلىققا تۇتىشىدىغان يول ئۇنچە راۋان ئەمەس. خىرىسقا تولغان بىر پىلاننى ئورۇنداپ بولغىنىڭىزدا ياكى مەلۇم بىر باسقۇچلۇق نىشانغا يەتكىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزگە «ئاكتىپ رىغبەتلەندۈرۈش» بېرىڭ: ياقتۇرىدىغان كىنو كۆرۈپ كېلىڭ ياكى ئۆزىڭىزنى بىر كىچىك سوۋغات بىلەن مۇكاپاتلاڭ.

 پاراسەتلىك تەلەپچان كىشىلەر چىڭ تۇتۇش بىلەن بوش قويۇۋېتىشنى مۇۋاپىق تەڭشەشنى، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلىدۇ. بايقالغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىش داۋامىدا تەلەپچانلىقنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرساق، ئارزۇيىمىزدىكى كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125