ئەرمەك ئىت ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىدا يارىلانسا، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
17:34:48 2024-10-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جيا يۇڭجياۋ سىزغان

 [دېلو ئەھۋالى]

 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، فەن x ئەرمەك ئىتىنى مەلۇم ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىغا تۈكلىرىنى ياسىتىش ۋە يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاپىرىپ بەرگەن، ئەرمەك ئىت ھۆسن تۈزەش ئۈستىلىدىن ئىلگىرى- كېيىن ئىككى قېتىم سەكرەپ چۈشۈپ، ئوڭ ئالدى پۇتى سۇنۇش، جەينەك بوغۇمى چىقىپ كېتىش، چىشى چۈشۈپ، سۇنۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەن، فەن x ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىدىن داۋالاش ھەققى، قاراش ھەققى قاتارلىقلار ئۈچۈن جەمئىي 12 مىڭ 100 يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

 [قانۇن ماددىسى]

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1165- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ  ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەرىكەت ئىگىلىرى ھوقۇققا چېقىلىش  جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 1246- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانغا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھايۋانات باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

 [قانۇننى چۈشەندۈرۈش]

 «سىنلىق كۆزىتىش ئاپپاراتىدا ئەرمەك ئىتنىڭ يارىلىنىش جەريانى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن». تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى ۋاڭ جۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىن ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرمەك ھايۋانلار دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى پۈتۈن مۇساپىدە ئۆزى يالغۇز دېلوغا چېتىشلىق ئىتقا قارىتا ھۆسن تۈزەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ئارغامچا، ئېغىز قېپى قاتارلىق مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش ئەسۋابى ياكى مۇقىم تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانمىغان. دېلوغا چېتىشلىق ئىت  ھۆسن تۈزەش سۇپىسىدىن بىرىنچى قېتىم سەكرىگەندە، خىزمەتچى خادىم نەق مەيداندا يوق؛ كېيىن جاۋابكار خىزمەتچى خادىم يەنىلا ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي، دېلوغا چېتىشلىق ئىتنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھۆسن تۈزەش سۇپىسىدىن سەكرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 «تىجارەت سالاھىيىتىگە ئىگە ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان ئادەم ئىتقا ياخشى تەدبىر قوللانغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن ھۆسن تۈزەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك». ۋاڭ جۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فەن x ئۆزى باققان ئەرمەك ئىتنىڭ پۇت- قولى سۇنۇپ كەتكەن ھەم چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن داۋالاتقان، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان قاتارلىق خىراجەتلەر بىلەن ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنى خىزمەتچىسىنىڭ قىلمىشى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن ئۇ تەشەببۇس قىلغان قاراش ھەققى ھەم قاتناش ھەققىدە، دېلوغا چېتىشلىق بولغىنى ئەرمەك ئىت بولغاچقا، قارىغانلىقى ھەققىدە مۇناسىپ ئىسپاتى يوق، قاراش قائىدىسىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا قوللاشقا بولمايدۇ.

 ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇننى چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ بىردەك مۇرەسسەنى قوبۇل قىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي چىقىمى ئۆزئارا سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى فەن xكە سوت نەق مەيدانىدا 6000 يۈەن تۆلىگەن.

 نۆۋەتتە، ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش كىشىلەرنىڭ روھىي تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئىزدەشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ قالدى، ئەرمەك ھايۋانلار قاراپ قويۇشقا بېرىلگەن ياكى كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملارنىڭ باشقۇرۇشى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. (ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن تەييارلىغان)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125