10- ئاينىڭ 9-، 10- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئىللىق قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» قار- مۇز بايلىقى مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ چېڭدۇ، چۇڭچىڭ مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا «چاڭغا تېيىلىش ساياھىتى» نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى ئۆزگىچە قار- مۇز بايلىقى بىلەن بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا.
ساياھەتچىلەر نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ساياھەت كوپىراتىپى نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىنىڭ قار تېيىلىش لىنىيەسىنى قىشلىق ساياھەت بازىرىدىكى نۇقتىلىق تىجارەت مەھسۇلاتى قىلدى؟ مۇخبىر بىلەن بىللە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقايلى.
ئەلا سۈپەتلىك قار- مۇز بايلىقى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
«بىز 11- ئايدا شىنجاڭغا بېرىپ چاڭغا تېيىلىمىز!» چۇڭچىڭدىكى جاڭ شۈن 10- ئاينىڭ 10- كۈنى دوستلىرى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلدى.
كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق قار، ياپيېشىل قارىغايلار ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۈرۈمچىنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدىكى بۇنداق گۈزەل مەنزىرە جاڭ شۈننى ئىنتايىن قىزىقتۇردى.
چۇڭچىڭدىكى بىر زال ئىچى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەيدىغان گې كۇن ئۈرۈمچىگە بېرىپ چاڭغا تېيىلىشقا تولىمۇ تەقەززا ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قار مەنزىرىسى ئۈرۈمچى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ بىر چوڭ خاسلىقى، ئۇ يەردىكى قارلار قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئارزۇ قىلىدىغان ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەتلىك قارلار. زال ئىچى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى چاڭغا تېيىلىش يوللىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارنى ھەقىقىي قارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ».
چۇڭچىڭ شەنشۈي خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى چېن يەن مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىنىڭ قار پەسلى ئۇزاق، قار- مۇز ساياھىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ 11- ئايدىلا چاڭغا تېيىلغىلى بولغاچقا، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. قار- مۇز بايلىقى مەدەنىيەت- ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز بايلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشىنىپ، ئالاقىدار مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قوشۇۋالدىم، چاڭغا تېيىلىش ساياھەت لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز».
يېتەرلىك يانداش ئەسلىھەلەر ساياھەت سەپىرىنى قولايلاشتۇردى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزگىچە قار- مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئالتە چاڭغا تېيىلىش مەيدانى يانداش ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈردى، ھازىر ئۈرۈمچىدە 5S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن ئىككىسى بار.
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدىكى چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە چاڭغا تېيىلىش يوللىرى ئىچىدىكى ئالدىنقى تۆت چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ ئۈچى مۇشۇ يەردە، ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى 5S دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.
چۇڭچىڭ شىنلۈچېڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى شۇ بو مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ بارغاندا ياتاق ئەڭ مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز مەھسۇلات لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە لايىھەلىگەندە، ياتاق، تاماق شارائىتىنى تولۇق ئويلىشىمىز».
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى جەن شۆئېر مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 700دىن ئارتۇق دېھقانلار ئارامگاھى، 300دىن ئارتۇق ئائىلىۋى مېھمانخانا، 20دىن ئارتۇق مېھمانساراي بار، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ. يىپەك يولى ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئۆزىنىڭ مېھمانساراي كەسپى بولۇپلا قالماي، ئۇ تۇرۇشلۇق شۈيشىگوۋ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا توپلاشقان جاي، ئىستىراھەت رايونىغا ئاپتوموبىل بىلەن ئون مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان فاڭجياجۇاڭ كەنتىدە شيەنلەي كىچىك بازىرى مەززىلىك تائاملار كوچىسى ۋە 100دىن ئارتۇق دېھقانلار ئارامگاھى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرودۇرۇمدىن چىققاندا بىۋاسىتە قار تېيىلىش مەيدانىغا بارىدىغان قار- مۇز ساياھىتى مەخسۇس ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى بار».
يېڭى كەسىپ ھالىتى قىش كۈنلىرىدىكى تەسىراتنى بېيتتى
ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش كېرەك. «قار- مۇز + مەنزىرە رايونى»، «قار- مۇز + يېزا- كەنت»، «قار- مۇز + مەززىلىك تائام» قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ يېتىلىشى ساياھەتچىلەرگە قىش كۈنىدە يېڭىچە تەسىرات ئاتا قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى 2003- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كەلدى، 20 نەچچە يىل سىجىل بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى «مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى قار- مۇز ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى» قاتارىغا كىردى. مول قار- مۇز بايلىقىغا ئىگە ئۈرۈمچى ھەرقايسى جايلارغا «ئىللىق قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى»دىن ئىبارەت قار- مۇز ساياھىتىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نام كارتىسىنى نامايان قىلماقتا.
«قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن». سىچۇەن يىڭتەيسۈي خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيېسۇڭ «ئىللىق قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» قار- مۇز بايلىقى مەدەنىيەت- ساياھەت چېڭدۇ مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، دەرھال ئۈرۈمچىگە بېرىپ ساياھەت لىنىيەسىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشتا «مىڭ كىشى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ ساياھەت تۈرىنى يولغا قويىمىز، ساياھەتچىلەر چاڭغا تېيىلىشنى ھېس قىلىشتىن باشقا، يەنە ھەيۋەتلىك قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ، مۇز ئۈستى باغچىسى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىگە قاتنىشالايدۇ، خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلالايدۇ.
چۈيې مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى جۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باغچە رايونى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنىڭ دەل شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، نەنسەن ۋە يىپەك يولىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇن، باغچە ئىچىدە دالىدا قونۇش لاگېرى، قەھۋەخانا، ئەتكەن چاي دۇكىنى قاتارلىقلار بار، يەنە بېزەك ئاپتوموبىل بازىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدۇ، بۇ يىل زەنجىرسىمان داڭلىق ماركا قەھۋەخانىسى، قۇياش نۇرى ئۆيى ئاشخانىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.
جەن شۆئېر مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە، چۈيې مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى بىلەن ئوخشاش ئەندىزىدىكى دالىدا قونۇش لاگېرىدىن 80 نەچچىسى بار. شۈيشىگوۋ بازىرىدىكى بەييۈن ئۆي ئاپتوموبىل دالىدا قونۇش لاگېرىدا چاي ئىچىپ، گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى، بەنفاڭگوۋ بازىرىدىكى مۇيې دالىدا قونۇش لاگېرىدا كاۋاپ پىشۇرۇپ، ئۇچار تەخسە ئوينىغىلى بولىدۇ».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېڭتىڭ خەۋىرى)