قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بۇ دەقىقىدە، مەن تەسىرلەندىم
16:43:27 2024-10-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لى يۈفېي

كۆل يۈزىدە بىر نەچچە كۈلرەڭ ئۆردەك ئويناۋاتاتتى، ئۆردەك ئۈزۈپ ئۆتكەندە كۆل يۈزىدە ھەم ئۇزۇن، ھەم تۈز سىزىق پەيدا بولدى، گۇگۇم چۈشكەندە، ئاق ئاسماندا ئاندا- ساندا بىر نەچچە سېرىق سوپىسوپىياڭ ۋە قارلىغاچ ئۇچۇپ ئۆتتى ... مانا بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، شۇنداقلا مومام تۇرىدىغان جاي، مەن ئۇنتۇشقا ئەڭ قىيمايدىغان جاي ئىدى.

كىچىك ۋاقتىمدا، مومامنىڭ يانچۇقى خۇددى خەزىنىگە ئوخشايتتى، قورسۇقۇم ئاچسا ئىسسىق مانتا، ئۇسسىسام تاتلىق سۈت، يىغلىسام تاتلىق كەمپۈت چىقاتتى.

مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم ئاساسەن مومامنىڭ ئۆيىدە ئۆتكەن، مومام ھەر قېتىم ياپيېشىل ئېتىزلىقتا ئوت ئوتىغاندا، مەن ئېتىزلار ئارىسىدىكى چىغىر يولدا كېپىنەك تۇتاتتىم، يىڭناغۇچ قوغلايتتىم، بەزىدە يەنە ئۆزۈمنى غەم - ئەندىشىسىز قۇشتەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مومام ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاندا، ئېتىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئىت قۇيرۇقى ئوتىدىن ماڭا ياچىۋەك، كېپىنەك، تۈكلۈك قۇرت، بۆجەن دېگەندەك ھەر خىل كىچىك ھايۋانلارنى ياساپ بېرەتتى. لېكىن ئاشۇ نەپىس كىچىك ئويۇنچۇقلار قولۇمغا چۈشسە، ئۇزاق ئۆتمەيلا پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كۆرگۈسىز بولۇپ قالاتتى.

ئاشۇ يىلى يازنىڭ تومۇز كۈنى، ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كەتتى، ئوتتەك قۇياش زېمىننى كۆيدۈرەتتى، قارا چېكەتكىمۇ ئورمانلىققا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئىسسىقتىن چىرىلدىمايتتى. مەن بىر قولۇمدا چوكا مۇز، يەنە بىر قولۇمدا يەلپۈگۈچنى تۇتقىنىمچە ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ دەرەخ تۈۋىدە سالقىنداپ، خەلق قوشاقلىرىنى غىڭشىغاچ ئولتۇراتتىم، تىپتىنچ ھەم غەمسىز ئىدىم. بۇ چاغدا، مومام كىچىك ئورۇندۇقنى ئېلىپ كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى، ئۇ: «بۇ يىل ياز بەك ئىسسىق بولدى!» دېدى. مەن پەرۋاسىزلىق بىلەن: «توغرا! توغرا! ئەگەر مېنىڭ بىر چىغ قالپىقىم بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى- ھە! بۇنداق بولغاندا نەگە بارسام كىيىۋالاتتىم، سالقىن بولۇپلا قالماي يەنە ئاپتاپتىن ساقلايتتى»، دېدىم. مومام مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنگەندەك، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى، مەن سەزگىنىمدە مومام ئۆيدىن چىقىۋاتقانىدى، ئۇنىڭ قولىدا بىر يۆگەم چىگە تانا ۋە ئىككى ئىلمەك يىڭنە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ، يىپنى ئاۋايلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاستا - ئاستا ئۆرۈشكە باشلىدى. مەن مومامنىڭ دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ ماڭا چىغ قالپاق ئۆرۈپ بېرىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ، بۇرنۇم تۇيۇقسىز ئېچىشتى، بىر خىل مۇرەككەپ كەيپىيات بىردىنلا يۈرىكىمدىن ئۇرغۇپ چىقتى.

خىياللىرىم تۇيۇقسىز ئالتە- يەتتە ياش ۋاقتىمغا قايتىپ كەتتى، ئاشۇ يىلى قىشتا يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، مومام يەنىلا باش چۆكۈرۈپ ماڭا شارپا ۋە پوسما توقۇپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ ئىككىنچى كۈنى مېنى ھەيران قالدۇرماقچى ئىدى، لېكىن مەن شارپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئانچە خۇشال بولمىدىم، ئەكسىچە ئۇنى بەك مەتۇ، ئازراقمۇ مودا ئەمەستەك ھېس قىلدىم، ھەتتا مومامنى پەقەتلا دىتى يوقتەك ھېس قىلدىم. ھازىر ئويلىسام، ئۆزۈمنى بەك نادان، بەك كۈلكىلىك ھېس قىلىمەن، چۈنكى مومام توقۇغان شارپىغا ئۇنىڭ ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭگەن ئىدى، مومامنىڭ قاداق باسقان قوللىرى ۋە قورۇق باسقان يۈزلىرىگە قاراپ، كۆز ياشلىرىم چاناقلىرىمدا توختىماي لىغىرلىدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتىم، خۇددى كۆز ياشلىرىم پەقەتلا گەپ ئاڭلىمىغاندەك، «تورۇك، تورۇك» قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، يەرگە چۈشكەن ھامان ئاستا- ئاستا يەرگە سىڭىپ، تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈۋالدىم، مومامنىڭ مېنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھالىتىمنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىدىم، بۇ دەقىقىدە، مەن تەسىرلەنگەنلىكىمنى، يىغلىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مومامنىڭ ماڭا بولغان شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى، ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقىدىن، ئۇنىڭ مېنى ئالىقىنىدا گۆھەردەك ئەتىۋارلاپ تۇتۇپ تۇرغانلىقىدىن تەسىرلەندىم، بۇ تەسىرلىنىش ھازىرغىچە ئېسىمدە شۇ پېتى تۇرۇپتۇ.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ، كۆپكۆك ئاسمانغا، ئاپئاق بۇلۇتلارغا قارىدىم، مەن تۇيۇقسىز نېمە ئۈچۈن بۇ تۇپراقنى ئۇنتۇپ قالالمايدىغانلىقىمنى چۈشەندىم، چۈنكى بۇ تۇپراقتا ماڭا ئەڭ كۆيۈنىدىغان مومام ئولتۇراقلاشقان. موما، مەن بالىلىق دەۋرىمگە يەنە قايتىپ كېلىپ، سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن ياساپ بەرگەن چىغ قالپاقنى كىيىپ، ئېتىزلىقتىكى چىغىر يولدا ئولتۇرۇپ، سىز ماڭا ياساپ بەرگەن «كىچىك ياچىۋەك»نى داۋاملىق ئويناپ، ئاشۇ ئىللىق، سالقىن مەيىن شامالغا ئەگىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن!

ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خۇاجوۋ رايونلۇق چېڭگۇەن باشلانغۇچ مەكتىپى

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125