تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ئىللىق شوتا، مۇزدەك قول
12:42:19 2024-10-15 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

بىر دوستۇم تىجارەتتە مەغلۇپ بولۇپ، بىر مەزگىل چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. ھەممىمىز ئۇنى ئەمدى جىمىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق، كىم بىلسۇن، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ مۆجىزىلەرچە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، تىجارەت كۆلىمىنى بۇرۇنقىدىنمۇ زورايتىۋەتتى.

بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ قايتىدىن ئىش باشلىغانلىقىنى سورىدىم. «بىر دوستۇمغا تاياندىم» دېدى ئۇ تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستى بار ئىكەن، بىراق تىجارەتتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ.

بۇ ئىش ئۇنىڭغا بەك ھار كەپتۇ ھەم چۈشكۈنلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇ قايتا- قايتا ئويلانغاندىن كېيىن غەيرەتكە كېلىپ، ئەڭ يېقىنىم، دەپ ھېسابلىغان دوستى Aنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىپتۇ. دوستى تەكلىپ بويىچە كۆرۈشۈشكە كېلىپ، ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلىغاچ باش لىڭشىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار بولساڭلا، كەلگۈسى جەزمەن گۈزەل بولىدۇ، دېگەندەك گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى ياساپ قەدەھ سوقۇشتۇرۇپتۇ. دوستى A تەشەببۇسكار بولۇپ سورۇننىڭ ھېساباتىنى قىلىۋەتكەندىن كېيىن خوشلىشىپ كېتىپ قاپتۇ.

«بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتىغۇ ئەمىسە»، دېدىم گەپ قىستۇرۇپ.

ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا دوستۇم Aنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى، تۆتنىڭ بىرى دېگىلى بولمىسىمۇ، روناق تاپقان باي ئائىلىلەردىن ئىدى. مەن قىيىن ئەھۋالدا قالغاچقا، ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىغانىدىم. ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولسىڭىز، مۇشۇنداق كۆرۈشۈشتىن كېيىن قانداق ھېسسىياتتا بولاتتىڭىز؟

بۇنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدىم، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلانغاندىن كېيىن، قەلبىمنى ھەقىقەتەن ئېيتقۇسىز بىئاراملىق چۇلغىۋالدى.

ئۇ يەنە دوستى B توغرىلىق سۆزلەپ بەردى.

«ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتە ھېچقانچە ئالاقىلەشمەيتتىم، لېكىن ئۇ مەن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىمدا، ئاۋۋال مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. قولىدا ناھايىتى ياخشى بىر تۈرنىڭ بارلىقىنى، ئېسىگە مېنى ئالغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى − ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تىجارەت كۆلىمى گەرچە دوستۇم  Aنىڭكىدەك زور بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ تۈرنى مۇستەقىل يۈرۈشتۈرۈشكە قۇربى يېتەتتى، شۇنداق بولغاندا شەخسىي پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولاتتى، مەندەك ھېچنېمىسى يوق <سۆرەلمە>نى قوشۇۋالمىسىمۇ بولاتتى، بۇنى ئوبدان بىلەتتىم»، دېدى ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ.

«ئۇ مېنىڭ ئىقتىدارىمنى باشتىن- ئاخىر ماختاپ باقمىدى، دوستلۇق توغرىلىق ئېغىز ئاچمىدى، ھەتتا ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە ئىلھام بېرىدىغان بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى. ئۇ پەقەت ماڭا تۈرنىڭ پايدا- زىيىنىنى سەمىمىي تەھلىل قىلىپ بەردى، يەنە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نۇرغۇن پۇل قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ تۈر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقىمنى، قەرزنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە يېڭىباشتىن ئىش باشلىيالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى».

«ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم، كېيىن بىرنەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ تۈرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. مەن پۇل تاپقاندىن كېيىن يېڭىدىن تىجارەت باشلىۋالدىم، بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئىشلىرىم ياخشى بولۇپ كەتتى».

ئۇ يېنىك ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئاشۇ بىر قېتىملىق داۋالغۇش ماڭا ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر كۈنلەردە ھەقىقىي دوستۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم».

توردا ناھايىتى كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر پارچە رەسىم بار: بىرەيلەن ناھايىتى چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئازگال ئېغىزىدا تۇرغان بىرەيلەن ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھە دەپ قولىنى سوزىدۇ، بىراق ئىككىيلەننىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، قولى زادىلا يەتمەيدۇ. ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم ئازگال ئېغىزىدىكى ئادەمنىڭ يېنىدا بىر شوتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرمەيدۇ.

«جۇڭگولۇق شېرىكلەر» ناملىق فىلىمدە، چېڭ دۇڭچىڭ شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش مەسىلىسىدە مېڭ شياۋجۈن بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، تەسەللى بولسۇن ئۈچۈن، چېڭ دۇڭچىڭ مېڭ شياۋجۈنگە ئاتاپ گۈللۈكى بار ھەشەمەتلىك چوڭ داچا سېتىۋالىدۇ، نەتىجىدە تەكەببۇر مېڭ شياۋجۈن داچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا، غەزەپلەنگىنىدىن كېتىپ قالىدۇ.

مېڭ شياۋجۈننى ئازابلىغىنى ئۇنىڭغا سۇنۇلغان قول بولماستىن، بەلكى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىش قىلغان بۇرادىرىنىڭ ئۇنى ئەزەلدىن چۈشەنمەي كەلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يەتكىنى بولدى.

ھەر ھالدا ياخشى يېرى، چېڭ دۇڭچىڭ ئاخىرىدا مېڭ شياۋجۈن ئۈچۈن ئىلگىرى ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان تەجرىبىخانىنى سېتىۋالىدۇ ھەم تەجرىبىخانىنىڭ نامىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ، بۇ كۆرۈنۈش مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، تەجرىبىخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ۋىۋىسكىنى كۆرگەن مېڭ شياۋجۈننىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئارازلىق تۈگەيدۇ.

شوتا مۇزدەك سوغۇق، لېكىن قول ئىللىق.

ھالبۇكى، بەزى ئالاھىدە پەيتلەردە قول مۇزدەك سوغۇق بولىدۇ، ئالدىمىزدىكى شوتا قەلبىمىزنى ئىللىتىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز ھەممىمىز مېڭ شياۋجۈنگە ئوخشايمىز، شوتا ئېلىپ كېلىدىغان چېڭ دۇڭچىڭلارنى بەكلا ئاز ئۇچرىتىمىز.

ئازگال يېنىدىكى ئادەم بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە، ئۆزىنىڭ شوتىسى بارلىقىدەك ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالغاندۇ ياكى شوتىنى ئىشلىتىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغاندۇ، بۇلارنى بەك ئىنچىكىلەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125