ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ شىنمياۋ، لياۋ شۆمېي، لى شەنچى
يولنى دائىم ئاسراپ تۇرۇش ئاممىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يول باشقۇرۇش، رېمونت قىلىشقا مەسئۇل ئورۇن، تارماقلار ئاممىۋى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 9- ئايدىن بۇيان، بىڭتۇەندىكى ئىككى جاي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جىسمانىي زىيان تۆلەم ماجىراسىدىن ئىككىنى مۇرەسسە قىلدى، ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىردەك ئوڭغۇل- دوڭغۇل يولدا كېتىۋېتىپ يىقىلىپ يارىلانغان.
9- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچقۇرۇن، 12 ياشلىق قىز جاڭ x ۋېلىسىپىت مىنىپ شۇاڭخې شەھىرى 90- تۇەندىكى شياڭخېيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر ئازگال بارلىقىنى كۆرۈپ قالغان، جىددىي تورمۇزلىغاندا، جاڭ x ۋېلىسىپىتتىن قاڭقىپ چۈشۈپ يىقىلىپ يارىلانغان. دوختۇرخانىدا جاڭ xنىڭ ئېڭىكى يارىلانغان، دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، سەككىز يىپ بىلەن تىككەن. جاڭ xنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەتىسى يول قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنى ئىزدەپ ئەھۋالنى دەپ، تۆلەم تەلەپ قىلغان.
ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى 90 - تۇەن خەلق مۇرەسسە كومىتېتى بۇ ئىشقا ئارىلاشقان. مۇرەسسەچىلەر نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقە يۈز بەرگەندە، نەق مەيداندىكى يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، جاڭ x ئۆتكەن جاينىڭ ھەقىقەتەن نورمال يول بۆلىكىدىن بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا پەس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتا بەلگە قاتارلىق بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق جاڭ xنىڭ ئاتا- ئانىسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ جاڭ xنىڭ بارلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە 10 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، 9- ئاينىڭ بېشىدا، 8- شى شىخەنزە باش مەيدانى خەلق مۇرەسسە مەركىزى جىسمانىي زىيان تۆلەم ماجىراسىنى ھەل قىلغان. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېشى 50تىن ئاشقان ليۇ x توكسىكلىتىنى مىنىپ شىخەنزە شەھىرىدىن شىخەنزە باش مەيدانىغا قايتىپ كېتىۋېتىپ، بەيسۈييۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم دورا دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يول تەكشى بولمىغاچقا، ليۇ x توكسىكلىتى بىلەن تەڭ يىقىلىپ چۈشكەن، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ليۇ xنىڭ بېغىش بوغۇمى زەخىملىنىپ، يان بىلەك سۆڭىكىنىڭ يىراق ئۇچى سۇنغانلىقى ئېنىقلىنىپ، ئون نەچچە كۈن داۋالانغان.
شىخەنزە باش مەيدانى خەلق مۇرەسسە مەركىزى ليۇ xنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلەشكەن. خەلق مۇرەسسەچىسى نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورناتقان بولسىمۇ، لېكىن ئورنى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۈنۈملۈك ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئەسكەرتىش رولىنى ئوينىيالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇش مەيدانىنى باشقۇرۇشتا يوچۇق بارلىقىنى، پىيادىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلاردا خاتالىق بارلىقىنى بايقىغان. مۇرەسسەچىمۇ ليۇ xكە ئۆزىنى ئاساسلىق قوغداش ھەم ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنىڭ بولۇشى، ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە تېخىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكى بارلىقىنى ئېيتقان.
قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، قائىدە سۆزلەش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ليۇ xنىڭ كۆپ قىسىم داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ھەمدە جەمئىي 8000 يۈەن ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە قوشۇلغان.
ئەسكەرتىش
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1258- ماددىسىغا ئاساسەن، ئاممىۋى سورۇندا ياكى يولدا يەرنى قېزىپ، يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئورنىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەندە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئېنىق بەلگە قويغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
يول قۇرۇلۇشى قىلغان مەزگىلىدە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەلەپ بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش بەلگىسىنى كۆپەيتىپ، يولنىڭ ئاممىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك.
ئامما يولدا ماڭغاندا ياكى قاتناش قورالى ھەيدىگەندە، ئاساسىي بىخەتەرلىك، ئېھتىيات قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)