ھازىر، قول- پۇت- ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل كەلدى. قول- پۇت- ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى قانداق كېسەل، قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ بۈگۈن، رەسىم شەكلىدە چۈشىنىپ باقايلى —
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن 71 تىپلىق ئۈچەي يولى ۋىرۇسى، مېنى يەنە EV-A71 دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن قول- پۇت- ئېغىز بوشلۇقى ۋىرۇسى جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى.
مېنىڭ جەمەتىم ناھايىتى چوڭ، 20دىن ئارتۇق ئەزاسى بار، كوساكى ۋىرۇسى A گۇرۇپپىسى، B گۇرۇپپىسى، ئېكو ۋىرۇسىنىڭ قىسمەن قان زەردابى تىپى، ئۈچەي يولى ۋىرۇسى A - 71 تىپى(EV-A71) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، قېرىنداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ نامىم بەكرەك تارقالغان. «قول-پۇت-ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى» تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىك كۆپ ۋاقىتلاردا مېنى ئېسىگە ئالىدۇ.
«تالانتى»نى نامايان قىلىشقا باشلاش
ئەڭ دەسلەپتە، مەن پەقەت بىر تونۇلمىغان كىچىك ۋىرۇس ئىدىم. 1969- يىلى مەن تۇنجى قېتىم مېڭە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىر قىزچاقنىڭ گەندىسىدىن بايقالدىم، ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئۈن- تىنسىز تارقىلىۋاتقىنىمغا ئالتە يىل بولغانىدى.
20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغا كەلگەندە، مەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدىم.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭ تەسىر كۈچۈم ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بولۇپمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا، مەن ھەر 3 - 4 يىلدا بىر قېتىم دېگۈدەك كەڭ كۆلەملىك يۇقۇم پەيدا قىلدىم.
1969- يىلى، EV-A71 ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم بايقالدى.
20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، ئامېرىكا، شىۋېتسىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگىرىيە، گوللاندىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن كەڭ كۆلەمدە تارقالدى.
1987- يىلى، جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دوكلات قىلىندى.
ھەر يىلى 4- ئايدىن 7- ئايغىچە ۋە 9- ئايدىن 11- ئايغىچە بولغان مەزگىل مېنىڭ جانلىنىش مەزگىلىم.
تېز تەرەققىي قىلىش
بىر خىل ئۈچەي يولى ۋىرۇسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ گېن قۇرۇلمام ناھايىتى ئاددىي. بىر RNA زەنجىرىدىن تەركىب تاپقان.
مەن ھەر قېتىم كۆپەيگەندە بىر تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولىمەن، يەنى، گېنىمىدا تېخىمۇ ئاسان ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
ھازىر، مېنىڭ C، B، A ۋە Dدىن ئىبارەت تۆت ئەۋلادىم (گېن تىپىم) بار بولدى.
ماڭا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تارقىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك.
جۇڭگودا ئاساسلىقى مېنىڭ نەۋرەم C4 جەڭ قىلىۋاتىدۇ.
بالىلارنىڭ كۈشەندىسى
قىلچە مۇبالىغە قىلماي ئېيتقاندا، مېنىڭ بالىلار دۇنياسىدا خېلى ھەيۋەم بار، بولۇپمۇ بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار مەن ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نىشان.
دەسلەپتە، بۇ بالىلاردا قىزىش، ئاغزىغا قاپارتما چىقىش، قول، پۇت، ساغرا قاتارلىقلارغا قىزىل ئەسۋە چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۇ ئەسۋەلەر ئادەتتە ئاغرىمايدۇ، قىچىشمايدۇ، لېكىن يۆتىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ قارشىلىق كۈچى يېتەرلىك ياخشى بولسا، بەلكىم مۇشۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھۇجۇمىمنى چېكىندۈرەلىشى مۇمكىن.
لېكىن، ئاز ساندىكى بالىلاردا روھىي ھالىتى ناچار بولۇش، كۆپ ئۇخلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاسان چۆچۈش، باش ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى تىتىلداش، پۇت- قوللىرى تىترەش، مۇسكۇللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، بوينى قېتىپ قېلىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن، كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا تولۇق ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئەگەر مەن داۋاملىق كۈچىسەم، بالىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىشى، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
يوشۇرۇن يۈرۈش
مېنىڭ ھەيۋەمنىڭ بۇنچە زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سىز مېنىڭ قەيەردە پەيدا بولىدىغانلىقىمنى بىلىۋېلىپ ئاندىن مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشنى ئويلاۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟
ئەپسۇسلانغان ھالدا سىزگە شۇنداق ئېيتىمەنكى، مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەقىقەتەن تەس. مېنىڭ تارقىلىش شەكلىم ناھايىتى ئاددىي — زىچ ئۇچرىشىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىش يوللىرىممۇ ئىنتايىن كەڭ.
مەن بىلەن يۇقۇملانغان بالا بولسىلا، ئۇنىڭ گەندىسى، شۆلگىيى، ماڭقىسى، قاپارتما سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار ھەمدە بۇلغانغان قول، لۆڭگە، قول ياغلىق، چىش چوتكىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكان، ئويۇنچۇق، قاچا- قۇچا، سۈت بوتۇلكىسى، كارىۋات بۇيۇملىرى قاتارلىق بۇيۇملار ياكى بۇلغانغان مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تارقىتىش قورالىم بولالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، نەپەس يولىدىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىمەن، مەسىلەن، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار؛ ياكى ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىچسە ياكى يېسە مەن بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىم بەك كۈچلۈك. ئادەتتە بىر بالا مەن بىلەن يۇقۇملانسا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، مەن تارقىلىشقا باشلايمەن. شۇڭا ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى، يەسلىدىن ئىبارەت بۇنداق جايلاردا بىر بالا مەن بىلەن يۇقۇملانسا، ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ كۆپ بالا ماڭا «ئەسىر» بولىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى
قول- پۇت- ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى ۋىرۇسى EV-A71 بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گەرچە مەن ناھايىتى خەتەرلىك بولساممۇ، لېكىن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەمەس.
بالىلار قولنى پات- پات يۇيۇش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ھاۋانى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قول- پۇت- ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى تارقالغان مەزگىلدە يىغىلىشنى ئازايتىش مېنىڭ تارقىلىشىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.
ئالىملار يەنە ماڭا قارىتىلغان ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئېغىر كېسەللىكلەر ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمنى ئازايتىدۇ.
ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى ياشتىكى بالىلارغا بىر ياشقا توشقىچە ۋاكسىنا ئەملىتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك، بىر ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بالىلارغا قانچە بالدۇر ۋاكسىنا ئەملىسە شۇنچە ياخشى.
قىسقىسى، كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاكسىنا ئەملىسىلا، ھۇجۇمىمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.
قول- پۇت- ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ خىل جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بەش ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بالىلار يۇقۇملانغان ھامان قىزىش، قول- پۇت، ساغرىسىغا ئەسۋە چىقىش، ئاغزىغا قاپارتما چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئاز ساندىكى بالىلاردا يەنە تەرەققىي قىلىپ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىپ، نېرۋا سىستېمىسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە كۆپ ئەزالار زەئىپلىشىش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: مەكتەپ، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق ئادەملەر توپلاشقان سورۇنلاردا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبېرىش خەۋپى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم بالىلارنىڭ قول، پۇت، ئېغىز بوشلۇقى قاتارلىق قىسىملىرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، بىنورمال ئەھۋال بايقالسا ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك.