كۇتۇپخانىدىكى جاھازىنىڭ ئېگىز يېرىدە بىر قەغەز يەشىك بار ئىدى، ئۈستىگە «ياخشى نەرسە» دېگەن خەت يوغان قىلىپ يېزىپ قويۇلغانىدى. مەن ھەر قېتىم ئۈستەلگە ئېڭىشىپ يېزىقچىلىق قىلغىنىمدا، بۇ خەت كۆزۈمگە چېلىقاتتى. قەغەز يەشىككە قاچىلانغىنى مەن شەخسىي يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملار ئىچىدىن قايتا- قايتا ئىلغاپ تاشلىۋېتىش جەريانىدا قېپقالغان نەرسىلەر ئىدى. ئوغرى كىرسىمۇ يەشىكتىن ئېلىۋالغۇدەك نەرسە چىقمايتتى، پۇلغا تېخىمۇ يارىمايتتى. بىراق، ناۋادا ئۆيگە ئوت كېتىپ قالغۇدەك بولسا، قېچىشتىن ئاۋۋال ئۇنى جەزمەن ئېلىۋالماي قويمايتتىم.
قەغەز يەشىكتە بىر خاتىرە بۇيۇم بار. ئۇ بولسىمۇ بىر كىچىك قەغەز خالتا، يەنى چۈشلۈك تاماق خالتىسى ئىدى، خالتىنىڭ ئېغىزى قەغەز قىسقۇچ بىلەن ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، گىرۋەكلىرىدىن خالتىدا نېمە بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
مېنىڭ بۇ ئالاھىدە چۈشلۈك تاماق خالتىسىنى ساقلاۋاتقىنىمغا 14 يىل بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خالتا قىزىم مەريەمنىڭ ئىدى. مەريەم باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ھەركۈنى ئەتىگەندە تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن چۈشلۈك تامىقىمىزنى قەغەز خالتىغا قاچىلاپ بېرەتتى، ھەربىر خالتىغا بىر پارچە ساندىۋىچ، بىر نەچچە تال ئالما ۋە سۈت سېتىۋالىدىغان پۇلنى سېلىپ قوياتتى. بەزىدە يەنە باغاقچە ياكى ئېتىبارلىق بېلەتمۇ سېلىپ قوياتتى.
بىر كۈنى ئەتىگەندە مەريەم ماڭا ئىككى قەغەز خالتا بەردى، بىرىگە چۈشلۈك تاماق قاچىلانغانىدى، يەنە بىرىنىڭ ئېغىزى قىسقۇچ بىلەن ئېتىلگەن بولۇپ، ئىچىگە نېمە قاچىلانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. «ئىككى خالتا بېرىپسىزغۇ؟» دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
«يەنە بىر خالتىدىكىسى باشقا نەرسە»، دېدى ئۇ.
«زادى نېمە؟»
«ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەر، ئېلىپ مېڭىۋېرىڭ». بۇنى ئاڭلاپ ئىككى قەغەز خالتىنى خىزمەت سومكامغا تەستە سالغىنىمچە، مەريەمنى سۆيۈپ قويۇپ ئالدىراشلا ئىشقا كەتتىم.
چۈشتە تامىقىمنى ئالدىراپ- تېنەپ يەپ بولۇپ، مەريەم بەرگەن يەنە بىر قەغەز خالتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. خالتىدا ئىككى تال چاچ لېنتىسى، ئۈچ تال كىچىك تاش، بىر سولياۋ دىنازاۋۇر، بىر تال قەلەم، بىر كىچىك قۇلۇلە قېپى، ئىككى پارچە ھايۋانات شەكىللىك پىرەنىك، بىر ئەينەك شارچە، بىر تال كېرەكسىز لەۋ سۇرۇخ، بىر كىچىك قونچاق، خېرشى ماركىلىق ئىككى تال كەمپۈت، يەنە 13 تال تەڭگە بار ئىدى.
«قانداق ئەتىۋارلىق نەرسىلەركىن دەپتىمەن تېخى!» دېگىنىمچە كۈلۈپ سالدىم ۋە ئۈستەلنى ئالدىراپ رەتلەپ، چۈشتىن كېيىنكى جىددىي ۋەزىپە بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، مەريەمنىڭ ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلىرىنى ئېشىپ قالغان چۈشلۈك تامىقىم بىلەن بىللە ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلىۋەتتىم.
كەچتە گېزىت ئوقۇۋاتاتتىم، «مېنىڭ خالتام قېنى؟» دەپ سورىدى مەريەم يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ.
«ئىشخانىدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، نېمە بولدى؟» دېدىم مەن.
«مەن خالتىغا بۇ باغاقچىنى سېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن»، دېدى ئۇ ماڭا بىر پارچە باغاقچىنى سۇنغاچ. «ئۇنىڭدىن باشقا، مەن قەغەز خالتىنى قايتۇرۇۋالسام بولغۇدەك».
«نېمىشقا؟»
«خالتىنىڭ ئىچىدىكىسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر، راست دەۋاتىمەن دادا. مەن ئەسلىدە سىزنىمۇ ئۇ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ھازىر يەنە ئوينىغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى يىتتۈرۈپ قويمىغانسىز ھە- دادا؟» مەريەمنىڭ كۆزىدە ياش لىغىلداپ تۇراتتى.
«يىتتۈرۈپ قويمىدىم، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن»، دەپ ئۇنى ئالدىراپ بەزلىدىم.
«ئەتە ئالغاچ كېلىڭ بولامدۇ؟»
«چوقۇم ئالغاچ كېلىمەن، ئەنسىرىمەڭ»، دېدىم مەن. ئۇنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ، ئىككى قولى بىلەن بوينۇمدىن قۇچاقلىدى. باغاقچىنى ئېچىپ «مەن سىزنى سۆيىمەن دادا!» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم.
قىزىمغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىدىم. مەريەم ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى ماڭا بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەتتە ياشلىق بالىنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئىدى. قەغەز خالتىغا ئەسلىدە لىققىدە مېھىر- مۇھەببەت قاچىلانغان ئىكەن، لېكىن مەن بۇنىڭغا سەل قاراپلا قالماي، يەنە ئۇنى تاشلىۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ!
بەرىبىر قىلىدىغان ئىشىم يوق ئىدى، شۇڭا، ئىشخانام ئۆيدىن خېلى يىراقتا بولسىمۇ يەنىلا ئىشخانىغا باردىم. ئەخلەت سېۋىتىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۈستەلگە تۆكۈپ، قىزىمنىڭ ئەتىۋارلىق نەرسىلىرىنى بىر- بىرلەپ ئىلغاشقا باشلىدىم، ئاندىن، خۇددى يارىلانغان ئاسلانچاقنى كۆتۈرگەندەك ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭدىم.
ئەتىسى كەچتە، مەن ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيلا قەغەز خالتىنى قىزىمغا قايتۇرۇپ بەردىم. قەغەز خالتا ئەسلىدىكىسىگە ئوخشىماي قالغانىدى، بىراق ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەس ئىدى، مانا بۇنىڭ ئۆزى ئەڭ مۇھىم ئىدى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، مەريەم بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قەغەز خالتىنى يەنە ماڭا قايتۇرۇپ بەردى، خالتىنىڭ ئىچىدە يەنىلا شۇ نەرسىلەر بار ئىدى. مەن چۈشىنىشكە، قايتىدىن ئىشەنچكە ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا چۆمدۈم. ئۇدا بىرنەچچە ئاي ئىچىدە قىزىم قەغەز خالتىنى پات- پات ماڭا بېرىپ تۇردى. لېكىن مەن نېمىشقا ئۇنىڭغا بەزىدە ئېرىشىپ، بەزىدە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم. كېيىن ئۇنى ماڭا بېرىلگەن مۇكاپات دەپ قارىدىم، شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى كەچتە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى دادا بولۇشقا تىرىشتىم.
مەريەم ئاستا- ئاستا چوڭ بولدى، قىزىقىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ، يېڭىچە قىزىقىشلىرى پەيدا بولدى. لېكىن مەنچۇ؟ مەندە يەنىلا ھېلىقى قەغەز خالتا بار ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ قەغەز خالتىنى ماڭا بەرگەندىن كېيىن، قايتا ئېلىۋالمىدى، مەن قەغەز خالتىنى تا ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدىم.
مېنىڭچە، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزدا، بەزىدە يېقىنلىرىمىزنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىگە سەل قارايدىكەنمىز. بىر دوستۇم بۇ خىل ھالەتنى: «دەريا بويىدا تۇرۇپمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلگەنلىك»، دېگەنىدى.
قاراڭ، ئاشۇ كونىرىغان قەغەز خالتا ھېلىمۇ كونا قەغەز يەشىكنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتۇ. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بىر قىزچاق ئۇنى ماڭا بېرىپ: «بۇلار مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىم، قېنى ئېلىڭ، ئۇلارنى سىزگە تەقدىم قىلاي»، دېگەنىدى.
مەن تۇنجى قېتىم ئاشۇ قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئېرىشكىنىمدە، ئۇلارنى يىتتۈرۈپ قويغان ئىدىم. بىراق ھېچقىسى يوق، ھازىر ئۇ ماڭا تەۋە.