10- ئاينىڭ 13- كۈنى، «قىزىل ئانار» سەنئەت ئۆمىكى پائالىيەت نەق مەيدانىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان «نەشپۈت چېچىكىگە مۇھەببەت» ناملىق مودېل مېڭىش نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي ئارقا كوچىسىدا ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىردىن ئاشىدىغان بىر كوچا بار، بۇ كوچىنىڭ قاسنىقى ئېگىز يىنشىڭ دەرەخلىرى بىلەن تولغان. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە، بۇ كوچىمۇ بىر گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلىنىدۇ. 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى دۇڭمېن كوچىسى بۇ يەردە «ئالتۇن رەڭلىك يىنشىڭ دەرىخى، كۈز مەنزىرىسىنى بىرلىكتە تاماشا قىلىش» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يىنشىڭ مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما يىنشىڭ كوچىسىدا جەم بولۇپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئورتاق قاتناشتى.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، كىچىك دوستلار پائالىيەت نەق مەيدانىدا سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى ئوينىماقتا.
پائالىيەت كىچىك دوستلار ئورۇنلىغان سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى بىلەن باشلاندى، ئېسىل نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن، مىللەتلەر ئۇسسۇلى، مودېللارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى قاتارلىق نومۇرلار كەينى- كەينىدىن ئورۇنلاندى. پائالىيەتتە يەنە يىنشىڭ دەرىخىگە ئائىت قىزىقارلىق سوئال-جاۋاب مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنىپ، ئازادە، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ يىنشىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، تىيانشان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت كوللېكتىپى پائالىيەت نەق مەيدانىدا «كۆپچىلىكنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز» ناملىق مىللەتلەر ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا.
«تۇنجى نۆۋەتلىك يىنشىڭ بايرىمى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دۇڭمېن رايونىنىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرى، قاتنىشىش خاراكتېرى بىر گەۋدە قىلىنغان توردا ئالقىشلانغان ساياھەت قىلىش- داكا قىلىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتۇق. كەلگۈسىدە، دۇڭمېن كوچا باشقارمىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ شاد- خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ»، دېدى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يەنفاڭ.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىغا تەسىس قىلىنغان يىنشىڭ يوپۇرمىقى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن كىچىك دوستنى جەلپ قىلدى.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاھالىلەر ياغاچ تاختايغا نەقىش بېسىشنى سىناپ باقماقتا.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاھالىلەر سىرلانغان يەلپۈگۈچ ياساشنى سىناپ باقماقتا.
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، شەھەر ئاھالىسى پائالىيەت نەق مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.