10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىشچىلار نەشپۈت تاللاش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا) 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ كورلا نەشپۈتى كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ نەشپۈت تاللاش سېخىدا، نەشپۈتلۈكتىن ئۈزۈپ كېلىنگەن يېڭى نەشپۈتلەر 360 گىرادۇسلۇق سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە ئىچكى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەنە ئوخشاش بولمىغان ئېغىرلىقى، ئوخشاش بولمىغان رەڭگىگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلۈۋاتاتتى. شۇ كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى تۇنجى نەشپۈت تاللاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
شىنجاڭ كورلا نەشپۈتى كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2- كەسىپ مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن جىشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نەشپۈت تاللاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مەخسۇس ھالدا نەشپۈتنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئۈچۈن زاكاز قىلىپ ياسىتىلغان بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە ئىكەن. بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مېھمانساراي، چوڭ تاللا بازىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بازار خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجى، زاكاز قىلىپ ياسىتىشىغا ئاساسەن، يۇقىرى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسى ۋە توغرا سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، قەنت دەرىجىسى، ئېغىرلىقى، رەڭگى ئوخشاش بولمىغان 12 خىل ئۆلچەمدىكى نەشپۈتلەر تاللاپ چىقىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 360 گىرادۇسلۇق سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە CT تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىچكى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، پوستى زىدە بولغان ۋە ئىچى پاختىلىشىپ بۇزۇلغان نەشپۈتلەر ئىلغىۋېتىلىدىغان بولۇپ، تاللاپ چىقىلغان نەشپۈتلەرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، بۇ، نەشپۈتلەرنىڭ بازاردا سېتىلىشىغا نىسبەتەن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن.
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىشچى كومپيۇتېردا نەشپۈت تاللاش جەريانىنى تەكشۈرمەكتە.
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، تېخنىك خادىم نەشپۈت تاللاش ئۈسكۈنىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، نەشپۈت تاللاش سېخىدا، ئىشچىلار تاللانغان نەشپۈتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەكتە.
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىشچىلار تاللانغان نەشپۈتلەرنى ئوراپ قاچىلىماقتا.
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىشچىلار نەشپۈتنى يېڭى ساقلاش ئورالمىسى بىلەن ئورىماقتا.
نەشپۈت تاللاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى (10- ئاينىڭ 11- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، نەشپۈت تاللاش سېخىدا، ئىشچىلار تاللانغان نەشپۈتلەرنى ئوراپ قاچىلىماقتا.