خەلق باغچىسى: تارىخىي ئەسلىمىدىكى مەدەنىيەت بەلگىسى
17:48:07 2024-10-15 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

1956- يىلىدىكى خەلق باغچىسى. (ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسى تەمىنلىگەن)

خەلق باغچىسىنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى. (سۈرەت 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان) («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)

 ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ بىر كۈنى خەلق باغچىسىدىن باشلىنىدۇ.

 ئەڭ دەسلەپكى تەبىئىي ئورمانلىقتىن ھازىرقى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت باغچىسىغىچە خەلق باغچىسىدىكى بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بەئەينى بىر جانلىق شەھەر داستانى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈلگەن.

 بۈگۈنكى كۈندە خەلق باغچىسى دەپ ئاتالغان بۇ يەر چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 20- يىلى (1755- يىلى)دا ياۋا ئوت- چۆپلەر باسقان، دەل- دەرەخلەر شالاڭ تەبىئىي ئورمانلىق ئىدى. ئۇ دەسلەپتە ئەمەلدارلار ئارام ئالىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاممىۋى ئىستىراھەت سورۇنىغا ئايلانغان. لېكىن بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇنىڭغا ئېنىق ئىسىم قويۇلمىغان.

 ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئورمانلىق تەدرىجىي ئېچىلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن. 1884- يىلى شىنجاڭنىڭ تۇنجى باش مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلەنگەن ليۇ جىنتاڭ بۇ يەردىكى كۆلنىڭ تۆت تەرىپىنى تۈزلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە كۆلنىڭ نامىنى «جيەنخۇ كۆلى»گە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جيەنخۇ كۆلى ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق مەنزىرىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنى بۇ يەردە سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلغان.

 تۆت يىلدىن كېيىن، جيەنخۇ كۆلىنىڭ جەنۇبىغا ئىككى قەۋەتلىك راۋاق ۋە بىر لۇڭۋاڭ بۇتخانىسى سېلىنغان، كېيىن لۇڭۋاڭ بۇتخانىسى كەلكۈندە بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئەنە شۇ مەزگىلدە باغچىنىڭ دەسلەپكى ھالىتى شەكىللىنىپ، «جيەنخۇ باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن.

 مىنگو دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭنىڭ دۇدۇسى ياڭ زېڭشىن باغچىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرغان. ئۇ دەنفېڭ چاۋياڭ راۋىقى، ماۋتىڭ راۋىقى، شياۋچۈن راۋىقى، زۈيشيا راۋىقى قاتارلىق ئىمارەتلەرنى سالدۇرۇپ، باغچىنى ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تاماشا قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك باغچىغا ئايلاندۇرغان ھەمدە «جيەنخۇ باغچىسى» دېگەن نامنى «تۇڭلې باغچىسى»غا ئۆزگەرتكەن. كېيىن يەنە «دىخۇا باغچىسى»، «جۇڭسەن باغچىسى» قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىلگەن، 1949- يىلى رەسمىي «ئۈرۈمچى خەلق باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن بولسىمۇ، كونىلار يەنىلا ئۇنى «غەربىي باغچە» دەپ ئاتىغان.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خەلق باغچىسىنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلغان ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرغان. باغچىدا يېڭىدىن ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى (كېيىن ھەر مىللەت خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئۆزگەرتىلگەن)، ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلغان، كۆكەرتىلىش نىسبىتى %96كە يەتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزاق باغچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 ھازىرقى خەلق باغچىسى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جاي بولۇپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم مەيدان- سورۇنغا ئايلاندى.

 مۇخبىر 10- ئاينىڭ 13- كۈنى خەلق باغچىسىغا كىرىپ، ئالدى بىلەن ئېگىز- ئېگىز دەل- دەرەخلەر، بۈك- باراقسان يېشىللىقنى كۆردى، ئارقىدىن يەنە سۈيى زۇمرەتتەك جىمىرلاپ تۇرغان جيەنخۇ كۆلى ۋە كۆل مەركىزىدىكى قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراققا ئىگە شىپاڭنى كۆردى.

 78 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ گوچېڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بېلەت ئالىدىغان بولغاچقا، خوتۇنۇم ئىككىمىز پەقەت تۇغۇلغان كۈن، بايراملاردىلا باغچىغا كىرەتتۇق».

 2007- يىلى باغچە سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ باغچە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار باھار سەيلىسى قىلىدىغان، ياشلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان، ياشانغانلار سەيلە قىلىدىغان بولدى.

 56 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چېن چياۋچىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى خەلق باغچىسىغا كىرىپ، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان چىغىر يولدا سەيلە قىلىدۇ ۋە شىپاڭ، راۋاقلاردا توختاپ ئارام ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ بارىدىغىنى يەنىلا چاۋياڭ راۋىقى.

 چېن چياۋچىڭ مۇنداق دېدى: «چاۋياڭ راۋىقىنىڭ ئالدى تەرىپى بىزنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جايىمىز، بەزىلەر تەيجى گۇمپىسى ئوينايدۇ، بەزىلەر نەي چالىدۇ، بەزىلەر ھۆسنخەت يازىدۇ، بەزىلەر ئۇسسۇل ئوينايدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن».

 73 ياشلىق ليۇ شيۇجېن 1977- يىلىدىن باشلاپ بۇ باغچىدا خىزمەت قىلغان، ئۇ چاغدا باغچىدا ھايۋانات باغچە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كۈندە خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا، ئائىلىسىدىكىلەرگە ھايۋانات توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى.

 خەلق باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ شىشەن بۇ باغچىغا دائىم كىرىدۇ. جاڭ شىشەن مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا باغچىنىڭ ھەممە يېرى تېرەك ۋە قارىياغاچ بولۇپ، پۇتايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، دەرەخلەر رەتسىز ئۆسكەنىدى. ھازىر باغچىدىكى دەرەخلەرنىڭ تۈرى كۆپەيدى، يوللارمۇ قايتىدىن ياسالدى، شۇڭا كۈندە باغچە ئايلىنىدىغان بولدۇم».

 بۈگۈنكى كۈندە كونا شەھەر مەركىزىدە جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ باغچە خۇددى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقى ئىچىدە كىشىلەرگە جىمجىتلىق ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر خاتىرىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ ئىللىق ئەسلىمىگە ئايلانماقتا.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گەي يۈ خەۋىرى) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125