ساياھەت بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسى تەدرىجىي ساياھەت يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. توققۇزتارانىڭ كۈز پەسلى، تەبىئەت ئۆرۈۋەتكەن رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك قېيىن دەرىخى، قىپقىزىل چاتقال، ياپيېشىل قارىغاي ئارچىلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، قېنىق رەڭ بىلەن بويالغان قات- قات ئورمانلار ساياھەتچىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
10- ئاينىڭ 11- كۈنى، كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونى خۇددى غايىۋى دۇنياغا ئوخشاش قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، تاغ ئورمانلىقىغا بىر قەۋەت ئالتۇن يوپۇق يالىتىلغاندەك كۆرۈنەتتى، مەيىن شامالدا دەرەخ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىراتتى، ياغاچ ئۆي، كارىدور، ئاسما يول بۇ تەبىئەت يۆگىمە رەسىمىگە ئادىمىيەت تۈسى قوشتى.
فۇجيەنلىك ساياھەتچى ۋېي ۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم كۆندەلەڭگە كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىشىم، كۆندەلەڭنىڭ كۈز مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، يىراق تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىزىل، سېرىق، يېشىل دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئىنتايىن گۈزەل مەنالارغا ئىگە ئىكەن».
شېنجېنلىق ساياھەتچى گو گو مۇنداق دېدى: «مەن تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن كەلگەن ئىدىم، كەلگەندىن كېيىن ئويلىغىنىمدىنمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، كۆك ئاسمان، قارلىق تاغ، يايلاق، دەريا، قوي- كالىلار ئىنتايىن گۈزەل تەبىئەت يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىپتۇ، قىش پەسلىدە يەنە بىر قېتىم كېلىشنى پىلانلىدىم، چۈنكى كۆندەلەڭ يەنە كېلىشكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن».
شىگۇ لاگىرى تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئادىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن لاگىر بولۇپ، لاگىرغا كىرگەندە، سۈرەتتەك گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە كۆزگە چېلىقىدۇ، ياغاچ ئۆيلەر بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇ يەردە ۋاقىت خۇددى قەدىمىنى ئاستىلاتقاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر تاغ- دەريالار ئارىسىدا ئادىمىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدۇ.
شىگۇ لاگېرىنىڭ مەسئۇلى ما يۆ مۇنداق دېدى: 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىگۇ لاگېرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، 40 ئېغىز ياتاق بار بولۇپ، ئاممىۋى كۈتۈۋېلىش زالى، قەھۋەخانا، كىچىك قاۋاقخانا، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە بىز يەنە بالىلار باغچىسى، دالا ئارىشىڭى قاتارلىق سورۇنلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرىمىز، قىشتىمۇ نورمال تىجارەت قىلىمىز، يەنە ئات مىنىپ كېسىپ ئۆتۈش، چاڭغا تېيىلىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۈز ۋە قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھەت پەسلىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەت بازىرى يەنە يېڭى دولقۇننى كۈتۈۋالىدۇ، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئائىلىۋى مېھمانخانىلار تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇڭچۈەن تاغلىق كەنتىنىڭ مەسئۇلى چېن شيا مۇنداق دېدى: «بىز بىر يۈرۈش يۈرۈشلۈك ياتاق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى تەييارلىدۇق، پۈتۈن پۇقراۋى قونالغۇ پاكىز، ئىللىق بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك جەھەتتىمۇ شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرى، يەنە كۈتۈنۈش شورپىسى، يەرلىك يەل قازان شورپىسى قاتارلىقلارنى بازارغا سالدۇق، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆندەلەڭگە كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشىنى، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمىز».
ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرگە توققۇزتارانىڭ كۈز ۋە قىشتىكى گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئۆزگىچە ساياھەت لىنىيەلىرىنى پىلانلاپ، توققۇزتارادىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ. قاتناش جەھەتتە، پائال ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ توسالغۇسىز يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.