گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە، تاراتقۇلارنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا. 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 106 دۆلەت ۋە رايوندىكى 208 ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، ھۆكۈمەت تارمىقى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ۋەكىل شىنجاڭغا جەم بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالدىنقى قاتاردىكى باش تېما ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئىزدىنىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى چۈشەندى. بۇ ھەم پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇ ساھەسىدىكىلەرنىڭ كاتتا يىغىلىشى، ھەم پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنى نەق مەيداندا چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەك.
دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەشكە پائال تۆھپە قوشتى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشقان دەۋردە ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كۆلەمدىكى خەلقئارا تاراتقۇلار كاتتا يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى ھەم جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن يېڭى كۆۋرۈك ھازىرلىدى. ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى جەزمەن قىسمەن غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىنى كۈچلۈك ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن يەرشارىدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەندە، جۇڭگو شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالىتىنى نامايان قىلىدۇ.
بۈگۈنكى شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى باغلاپ، «دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيلىك» شىنجاڭدا يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى گۈللىنىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. مەۋقەنى ھازىرقى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا- ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولدى. دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ «ئىرقىي يوقىتىش قىلدى» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» قاتارلىق ئۇچىغا چىققان يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىپ، رەزىل غەرەزدە يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامرات، ئارقىدا قالغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. يالغان- ياۋىداق سۆزلەر ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا ئۆز- ئۆزىدىن بىتچىت بولدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە خەلقئارالىق يىغىنلار ئۆتكۈزۈلدى، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ كەڭ، قىزغىن قوينىنى ئېچىپ، ھەقىقىي، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارنىڭ كېلىپ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالدى.
تاراتقۇلار خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆۋرۈك، ۋاسىتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى دەل جۇڭگونى چۈشىنىش، شىنجاڭنى چۈشىنىشتىكى پۇرسەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، مەركەز ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، خالىس ياردىمىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمى روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، خەلق رايىغا ماسلاشقان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق- مەنپەئەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات ئەخلاقىنى قەتئىي ساقلاپ، تاراتقۇلارنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرغاندا، ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى چوقۇم ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلالايدۇ.
100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، پۈتۈن يەرشارىدىكىلەر بىر- بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق، ئىنسانلار تەقدىرداش بولۇپ، دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى مۇشۇ ۋاقىتتا ئېچىلدى، بۇنىڭدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك تاراتقۇ كۈچىنى مۇجەسسەملەش مەقسەت قىلىنغان. بۈگۈنكى باشلىقلار يىغىنى خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇقىم، گۈللەنگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ۋە تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەتىكى شىنجاڭ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالەت بىلەن يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.