تۇرمۇش تەسىراتلىرى | چەك- چېگرا تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى ساپاسى
12:43:56 2024-10-16 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 «چەك- چېگرا تۇيغۇسى» دېگەن نېمە؟

 ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزى ۋە باشقىلار قىلىۋاتقان ئىشنىڭ قايسى دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. چەك- چېگرا تۇيغۇسى كەمچىل كىشىلەر باشقىلارغا ناھايىتى ئاسانلا ئادەمنى ھۆرمەت قىلمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلىيالىشى ناھايىتى قىيىن.

 ئۆزىمىزنىڭ چەك- چېگراسىنى بىلەيلى

 بۇرۇنلاردا: «ئادەملەر زىمىستان قىشتىكى كىرپىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۆزئارا بەك يېقىنلىشىپ كەتسە، تىكەنلىرى سانجىلىپ كېتىدۇ؛ بىر- بىرىدىن بەك يىراقلاپ كەتسە، يەنە سوغۇق ھېس قىلىشىدۇ» دېگەن گەپ بار ئىدى.

 چەك- چېگرا تۇيغۇسى ئاجىز كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىگە نېمىلەرنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىلەرنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

 بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ، باشقىلارغا ياردەم قىلماسلىقنى سوغۇق مۇئامىلە ۋە شەخسىيەتچىلىك دەپ قارايدۇ.

 ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىقتىدار دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا باشقىلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلىدۇ.

 ئۆزىمىزنىڭ چەك- چېگراسى دەخلىگە ئۇچرىغاندا، خاتىرجەمسىزلىك، ئازاب ۋە قورقۇنچ ھېس قىلىمىز.

 بۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى قوغداش مېخانىزمىمىزنىڭ قوزغىتىلغانلىقى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق ھېسسىياتىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ، قىيىن ئەھۋالىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، بولمىسا ئاسانلا چىدىغۇسىز كەيپىيات پارتلىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 شۇڭا، ئۆزىمىزنىڭ چەك- چېگراسىنى چۈشەنگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ چەك-چېگراسىنى ئىگىلىگىنىمىزدە، پىسخىكا ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايمىز.

 ئۆزگىلەرنىڭ چەك- چېگراسىنى بىلەيلى

 كىشىلەر قانچە يېقىن بولغانسېرى ئۆزىنى شۇنچە يات ھېس قىلىشمايدۇ، شۇنداقلا كۆڭۈل بۆلۈش نامى بىلەن چەك- چېگرا ھالقىپ يېقىن كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بېسىپ كىرىدۇ.

 ئاقىۋەتتە بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزئارا يىراقلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

 بەلكىم بەزىلەر، يېقىن كىشىلەر ئارىسىدا بۇنچە ئېنىق ئارىلىق ساقلىغاندا، مۇناسىۋەت «سۇسلىشىپ» كەتمەمدۇ؟ دەپ گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئۇنداق بولمايدۇ.

 چەك- چېگرا تۇيغۇسى ئېنىق بولۇش تاش يۈرەكلىك، رەھىمسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىش، نېمىنىڭ قارشى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۆز خاھىشى بىلەن ئىش قىلىش ئەمەس، مانا بۇ كىشىلەر ئارىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھۆرمەت.

 بىر بۆلەك ھېسسىياتتا، ئەڭ ياخشى ھالەت يەتتە ئۈلۈش قىزغىن بولۇپ، ئۈچ ئۈلۈش ئارىلىق قالدۇرۇش، بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز خاسلىقىنى ساقلاشتۇر.

 مەيلى قانداق يېقىن مۇناسىۋەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئۆزئارا مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، ئەركىنلىك شامىلىنى ئاشۇ ئارىلىقتا مەيىن پەرۋاز قىلدۇرۇش كېرەك.

 ھەممىمىز مۇستەقىل يەككە تەن، ئۆزىمىزنىڭ چەك- چېگراسىنى دادىل قوغدىشىمىز، شۇنداقلا يەنە باشقىلارنىڭ چەك-چېگراسىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

 چەك- چېگرا تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى ساپاسى، بىز چەك-چېگرا تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزگىلەرنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ چەك-چېگراسىنى بىلگىنىمىزدىلا، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئىللىق ۋە راھەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

 ھەممىمىز مەيىن شامالنىڭ ئىللىق پەپىلىشىدە، تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125