ئاق كۆڭۈللۈك ھۆرمەت، چۈشىنىش، دەردىگە يېتىش، باشقىلارنى ئويلاشتۇر. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر شۇ قەدەر مۇلايىم كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشالايدۇ، ھەقىقىي تۈردە باشقىلار ئۈچۈن ئويلىيالايدۇ.
ياردەم قولىڭىزنى بىر قېتىم سۇنغىنىڭىزدا، باشقىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە يار- يۆلەك بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ «سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ» دېگەن بىر جۈملە سۆزىڭىز باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۈمىد نۇرى ياندۇرۇشى مۇمكىن؛ ئىخلاس بىلەن بەرگەن بىر قېتىملىق ئىلھامىڭىز باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تېپىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
ئاق كۆڭۈللۈك كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاساسىي رەڭگى بولۇشى كېرەك. قەلبىگە ياخشىلىقلارنى پۈككەن كىشىلەرنىڭ چېھرىدىن تەبىئىيلا نۇر يېغىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىللىقلىق بېغىشلىيالايدۇ، شۇنداقلا ئۆز قەلبىنى يورۇتالايدۇ.
ئاق كۆڭۈللۈك خەيرلىك تارقىتىشتۇر
بىر ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاق كۆڭۈل بولۇشىغا تۈرتكە بولالايدۇ؛ بىر ئىش ئۈچۈن قىلىنغان ياخشىلىق تېخىمۇ كۆپ خەيرلىك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك گويا بىر تال ئۇرۇققا ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، بارغانسېرى باراقسانلىشىدۇ.
مۇھەببەتلىك بولۇش مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ ئاق كۆڭۈل بولۇش بىزگە تېخىمۇ كۆپ خەيرلىك ئېلىپ كېلىدۇ. باشقىلارغا ياردەم بەرسەك، نامەلۇم بىر ۋاقىتتا بىزمۇ باشقىلار بېغىشلىغان خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمىز.
ئاق كۆڭۈل ئادەم بولۇپ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلايلى، بىز تارقاتقان ئاشۇ ئىللىقلىق ھامان بىزنىمۇ ئىللىتىدۇ.
جاھاندىكى بەختلەر ھەرقاچان ئۆزىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاق كۆڭۈللۈكىمىزدىن كېلىدۇ
ئەگەر ئاق كۆڭۈل بولسىڭىز، ئەتراپىڭىزدا ئاق كۆڭۈل كىشىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئەگەر ئىشلارنى ياخشى مەقسەت بىلەن قىلسىڭىز، نۇرغۇن ئىش دائىملا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
كىشىلىك ھايات پۇل غەملەش قۇتىسىغا ئوخشايدۇ، كۆرسەتكەن ھەربىر تىرىشچانلىقىڭىز، ھەر قېتىملىق ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز كەلگۈسىنىڭ نامەلۇم بىر كۈنىدە سىزگە سوۋغا سۈپىتىدە قايتىپ كېلىدۇ. كىشىلەر تۇيدۇرماي كەلگەن بۇ خۇشاللىقنى بەخت دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، سىزنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ سىزگە قىلغان ھەدىيەسى.
ئىشىنىڭكى، ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزگە بەختىڭىز يوشۇرۇنغان بولىدۇ. قەلبىگە ياخشىلىقلارنى پۈككەن كىشىلەر چوقۇم تېخىمۇ كۆپ گۈزەل پەيتلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.