كېچىچە ئۇخلىمايدىغانلار چېچىنى تاراپ بېرىش كېرەك
16:21:06 2024-10-16 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

كېچىچە ئۇخلىمايدىغانلاردا 2- كۈنى بېشى قېيىش، چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ياغاچ تارغاق بىلەن چاچنى كۆپرەك تاراپ بېرىش ياكى بارماقلىرى بىلەن باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك، باش قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتىپ، بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، پىستىگۈل، ئۈجمە، ئالقات قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. تال ۋە ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىشى تۆۋەن بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن تال ۋە ئاشقازاننى تەڭشەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن  پىچەكگۈل، سۆك، مارجان قوناق دېنى يەپ بەرسە بولىدۇ؛ تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، كۆزنىڭ چارچىشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە كېچە سائەت 23تىن ئەتىسى سائەت 1گىچە بولغان مەزگىل ئەڭ مۇھىم ئۇخلاش مەزگىلى دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت 23تىن بۇرۇن ئۇخلاش، كېچىچە ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125