تۇرمۇش تەسىراتلىرى | كىتاب ئوقۇيلى
18:01:28 2024-10-16 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تار بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت بىرلا قېتىم ياشايدۇ؛ كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئۈچ قېتىم ئۆمۈر كۆرىدۇ، يەنى ئۆتمۈشتە، ھازىردا ۋە كېلەچەكتە.

 كەچكۈزنىڭ بىر ئاخشىمى كوچىدىكى يايمىدا بەنشىر يەۋاتاتتىم، يايما ئېچىۋاتقان 20 ياشلار چامىسىدىكى قاملاشقان يىگىت دىققىتىمنى تارتتى.

 «يىگىت، ئايدا قانچە كىرىم قىلىسىز؟»

 «200- 300 يۈەن ئەتراپىدا».

 «بولىدىكەنغۇ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى قانداق قىلىسىز؟ يايما ئېچىۋېرەمسىز؟»

 «يايما ئاچمايمەن، ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ كىتاب ئوقۇيمەن».

 «ھە، كىتاب ئوقۇيدىكەنسىز-دە؟ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن بولغىيتىڭىز؟ قانداق كىتابلارنى ئوقۇشنى ياقتۇرىسىز؟»

 «تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەنمەن. سەنماۋنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ دېڭىز ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىگە ئائىت كىتابلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن».

 «نېمىشقا دېڭىز سەپىرىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشنى ياقتۇرۇپ قالدىڭىز؟»

 «چۈنكى دېڭىز بىپايان، كىتاب ئوقۇۋاتقان چېغىمدا كوچىدا ئۆزۈمنى بەنشىر سېتىۋاتقان كىچىك يايمىچى ئەمەس، بەلكى قوش ماچتىلىق پاراخوتنىڭ كاپىتانىدەك، پاراخوتنىڭ باش قىسمىدا تۇرۇپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيانى كېزىۋاتقاندەك سېزىمەن».

 بۇ سەمىمىي سۆزلەر قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. ئاشۇ يۇلتۇز ۋە ئاي نۇرىدىن بىدار ئۇزاق تۈنلەردە، ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمگەن، كۆڭلۈم قاغجىرىغان دەقىقىلەردە يىگىتنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزى مېنى ئويلاندۇردى، خىيال دېڭىزىغا ئۇزاققىچە غەرق قىلدى.

 كىتاب ئوقۇشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرىپى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى شۇكى، ئۇ سىزنى مىسكىن ۋە بىچارە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

 ناۋادا سىز تازىلىق ئىشچىسى بولسىڭىز، ئارام ئالغان چېغىڭىزدا چىنار دەرىخىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ «كومپيۇتېرنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» ناملىق كىتابنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئالىملارنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەسىدىن بەھرىلىنەلەيسىز.

 ناۋادا سىز تۇخۇم ساتقۇچى قىز بولسىڭىز، تىجارەت سۇس چاغدا مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىتابنى ئوقۇۋېتىپ، «سىزدىن رەنجىگەن چېغىمدا، كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈچ، پەقەت سىزلا يېشەلەيدىغان تۈگۈچ شەكىللىنىدۇ، ھەر بىر تۈگۈچ يېشىلگەندە، يىغام ۋە كۈلكەمنى سىزگە ئۆز پېتى بايان قىلىمەن» دېگەن قۇرلارغا كۆزىڭىز چۈشكىنىدە، ھاياجان ئىلكىدە كۆز چاناقلىرىڭىز نەمدىلىشى ئېھتىمال. ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ھېسسىياتىڭىزنى بېيىتىدۇ، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىدۇ. ھەتتا جورىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، تىنىق كۆك ئاسماندىن، يوپۇرماقلار تۆكۈلگەن گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن يەنىلا ھۇزۇر ئالالايسىز.

 مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئىمكانىيەت يار بەرسە تۆۋەندىكى كىتابلارنىڭ مەن بىلەن ھەمدەپنە قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن: ئاسترونومىيە ۋە گېئولوگىيەگە ئائىت كىتابلار − بۇ كىتابلار ماڭا ئاسمان- زېمىننىڭ كەڭلىكىنى، كائىناتنىڭ چەكسىزلىكىنى تونۇتقان؛ يەنە شوبېرتنىڭ «ئېگىز تاغدىكى پادىچى قىز» ناملىق ناخشىسىنىڭ تولۇق نوتىسى بىلەن «تاڭ شېئىرلىرىدىن 300 پارچە»مۇ بار، بۇلار مېنىڭ ھېسسىي دۇنيايىمنى بېيىتقان.

 شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەمدەپنە بۇيۇملار جەزمەن شۇ كىشى ھايات چېغىدا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئىنتىلگەن نەرسىلەردۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125