ئاخىرقى مەيداننى شىنجاڭدا كۈتىمىز
18:08:02 2024-10-16 ئېرداۋچياۋ خاتىرىلىرى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 10- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، داۋلاڭ نەنجىڭدىكى ناخشا كېچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى ئىكەنلىكىنى، چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، بەلكىم ئاخىرقى نومۇرنى شىنجاڭدا ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ناخشا كېچىلىكىدە داۋلاڭ «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار»، «ئاشىق»، «قەشقەر توغراقلىقى» قاتارلىق نۇرغۇن كىلاسسىك ناخشىنى ئېيتىپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور ئالقىش قوزغىدى.

 داۋلاڭنىڭ مۇزىكىسى خۇددى تاغ ئارىسىدىكى سۈزۈك بۇلاققا ئوخشاش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ۋەكىللىك ناخشىسى «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان، ئۇ ئۆزگىچە ئاۋازى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن كەڭ مەستانىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

داۋلاڭ ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدانى.

 ناخشا كېچىلىكى باشلىنىشتىن بۇرۇن نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەستانىلەر توپلاشقان ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە مەيدان ئىچىدە بوش ئورۇن قالمىدى. داۋلاڭنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما كېچىلىك بېلىتى ئالالمىغان نۇرغۇن تاماشىبىن كېلىشىۋالغاندەكلا مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ، مەيدان ئىچىدىن چىقىۋاتقان ناخشا ئاۋازىغا جۆر بولۇپ بىرلىكتە ئېيتىشتى.

图片

 داۋلاڭ مۇزىكىسىنىڭ نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىنى تەسىرلەندۈرۈشى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مۇزىكا ئۇسلۇبىدىن بولغان. ئۇ 1995- يىلى شىنجاڭغا كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 

 ئۇزاق مۇددەت شىنجاڭدا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ يەردە مۇزىكا ئىشخانىسى قۇرۇپ، «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار»، «قەشقەر توغراقلىقى»، «يېڭى ھاۋاگۈل» قاتارلىق مۇزىكا ئەسەرلىرىنى تارقاتقان، بۇ ئەسەرلەردە شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيتى قاتارلىقلار قويۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكا ئامىللىرى ۋە ھازىرقى زامان مودا مۇزىكا ئېقىملىرى قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە «داۋلاڭ» ئۇسلۇبى يارىتىلغان ھەمدە داۋلاڭ مۇزىكىلىرىدىن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە چالغۇلىرى، تەمبۇر، دومبىرا، راۋاپ قاتارلىقلارنىڭ كۈيلىرىمۇ دائىم ئاڭلىنىپ داۋلاڭ مۇزىكىلىرىغا قويۇق مىللىي پۇراق قوشىدۇ.

图片

 داۋلاڭ پات ئارىدا يەنە ئاۋمېن، جېڭجوۋۇ، شيامېن قاتارلىق جايلاردا سەييارە ئويۇن قويىدۇ، بىز ئاخىرقى مەيداننىڭ شىنجاڭدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، شىنجاڭغا كېلىشىگە تەلپۈنىمىز! بىرلىكتە ياشلىقتىكى ئەسلىمىلەرگە تەلپۈنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125