چىشلىق قىسقۇچ بىر خىل ھەرە چىشى شەكلىدىكى چاچ مۇقىملاشتۇرغۇچ بولۇپ، قىزلارنىڭ ئاساسەن ھەر بىرىدە دېگۈدەك بىردىن بار. ئەمما بۇ كىچىككىنە چاچ قىسقۇچتا يوشۇرۇن خەۋپ ھەقىقەتەن زور.
يېقىندا، سىچۇەن چېڭدۇدىكى خۇ ئەپەندى قىز دوستى بىلەن توكسىكىلىت مىنىپ سەيلە قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز سوقۇلۇپ يىقىلغان. ئۇنىڭ پەقەت تېرىسىلا سۈرۈلگەن، لېكىن قىز دوستى بېشىغا بۇ خىل قىسقۇچ قىسىۋالغاچقا، ئارقا مېڭىسى يەرگە تېگىپ، باش سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن. ئىككى قېتىملىق باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن بۇ قىز ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان.
دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، چاچ قىسقۇچنىڭ ئورنى ئادەتتە ئارقا مېڭىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇندا مېڭە غولى ۋە كىچىك مېڭە بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئارقا مېڭىدە بەك كۆپ توقۇلما يوق بولۇپ، نىسبەتەن ئاجىز بولىدىكەن. شۇڭا تاقىغۇچى يىقىلىپ چۈشكەندە ياكى تاسادىپىي سوقۇلۇشقا ئۇچرىغاندا، بۇ خىل چىشلىق قىسقۇچ بىر «ئۆتكۈر پىچاق»قا ئايلىنىپ، باش تېرىسى ياكى ئارقا مېڭىگە قاتتىق سانجىلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.