شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى يىل ئاخىرىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ
18:34:33 2024-10-16 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ خۇڭشۇلىن ۋېيلەي مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ جېنجوۋ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياردىمىدە، ھازىر بىزنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدان تۈرى قۇرۇلۇشىمىز ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالى، قار يولى ۋە سۈنئىي قار ھاسىل قىلىش سۇ ساقلاش كۆلچىكى قۇرۇلۇشى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قىسمەن مەشغۇلاتلار كېچە- كۈندۈز قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىل 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرلىرىدا پۈتۈپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش پىلانلاندى».

 شىرېنزىگوۋ رايونىدا قىش پەسلىدە قارنىڭ مىقدارى ئاران 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆلچەملىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى ئاز دېگەندە 60 سانتىمېتىرغا يېتىشى كېرەك، شۇڭا سۇ ساقلاش كۆلچىكى كولاپ سۈنئىي قار ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر سىغىمى 95 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان سۇ ساقلاش كۆلچىكى قۇرۇلۇشىنىڭ %50ى تاماملانغان.

 بۇ يىل ۋاقىتلىق قۇراشتۇرما ئۆي چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالى قىلىنىدىغان بولۇپ، كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىر، 1500 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدىكەن، زالدا چاڭغا ئىجارىگە ئېلىش رايونى، چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرىنى ساقلاش رايونى، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش رايونى، تاماق رايونى، VIP ئارام ئېلىش رايونى ۋە داڭلىق ماركىلىق چاڭغا تېيىلىش جابدۇقلىرى ئوبراز دۇكىنى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىدىكەن.

 يۈ جېنجوۋ مۇنداق دېدى: «ھازىر قۇراشتۇرما ئۆي زاكاز قىلىنىۋاتىدۇ، قۇراشتۇرۇش 11- ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ، 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ. 8- ئايدا ياسىلىشقا باشلانغان چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ قار يولىمۇ 12- ئاينىڭ بېشىدا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ».

 شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ھازىر 13 قار يولى ياساش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل يەتتە قار يولى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا بىر يەككە تاختا باغچىسى، تۆت بىرلەمچى يول ۋە ئىككى قار چەمبىرىكى يولىدىن ئىبارەت.

 بۇ يىل 8- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان شىنجاڭ خۇڭشۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تۈرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋغا جايلاشقان. چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش، دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى داڭلىق ساياھەت ئارامگاھى بولۇپ قالىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: «بۇ تۈر قۇرۇلۇشى شەھەر، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى كۆزنەككە ئايلىنىپ، شىمىگۇ رايونىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ساياھەت ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا شىمىگۇ رايونى، ھەتتا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىگە يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئېلىپ كېلىدۇ».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لېي خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125