«ئىللىق قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» 2024- يىللىق ئۈرۈمچى قار- مۇز بايلىقى مەدەنىيەت- ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيايۈگۇەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھىتى يۈزتۇرا، دەل جايىدا تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچىگە 1 مىليون (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچى جەلپ قىلىش مۆلچەرلەندى.
ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز بايلىقى مەدەنىيەت- ساياھىتىنى تونۇشتۇرغۇچىلار بۇ يىل 9- ئايدىن باشلاپ بېيجىڭ، تيەنجىن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، لۇڭنەن، جيايۈگۇەنلەرگە بېرىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش، كوچىلاردا كۇەيشەن پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ مول، سۈپەتلىك قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇردى.
تونۇشتۇرغۇچىلار جايلاردىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلارغا دەل جايىدا يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقى، مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرلىرى ھەم لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى پائالىيىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر مەنبەسى بولغان شەھەرلەردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 400دىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ساياھەتچى مەنبەسى بار ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن 14 پارچە ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، ساياھەت تەشۋىقاتى، تونۇشتۇرۇش، بازار ئېچىش، ساياھەتچىلەرنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى پىلانلىغان.
تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ئۈرۈمچى يەنە ئايرىم- ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، لۇڭنەن، جيايۈگۇەن بىلەن شەھەرلەر ئارا ساياھەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ، تيەنجىن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، لۇڭنەن، جيايۈگۇەن قاتارلىق جايلاردا «ئۈرۈمچى ساياھەت تەشۋىقات- تونۇشتۇرۇش مەركىزى»دىن توققۇزنى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىنى كۈچەپ تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرىنى چوڭقۇر ئاچقان.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېڭتىڭ خەۋىرى)