تومۇز كۈنلىرىدە ئۆپكىڭىزنى ياخشى قۇۋۋەتلىسىڭىز كۈز ۋە قىشتا ئاغرىقتىن خالىي بولالايسىز، تومۇز كۈنلىرىدە ئۆپكىنى ياخشى قۇۋۋەتلەش كۈز ۋە قىشتا ئۆپكىنىڭ ساغلام بولۇشىغا پايدىلىق. ئۆپكە سوغۇقتىن ئەڭ قورقىدۇ، تومۇز كۈنلىرى بىر يىل ئىچىدىكى مۇسبىيلىك ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تومۇز ئىسسىقنىڭ كۈچلۈك مۇسبىيلىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم بەدىنىدىكى يىغىلىپ قالغان سوغۇق ۋە ھۆللۈكنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن دۈمبىنى يېنىك مۇشتلاپ بېرىش ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. بېلىڭىزنى تەبىئىي تۈزلەپ، ئىككى مۇشتۇمىڭىزنى تۈگۈپ، دۈمبىڭىزنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە ئوتتۇرىسىغا يېنىك مۇشتلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ دۈمبىدىكى پەي- تومۇرلارنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جىڭچۈ پەللىسى ۋە تيەنتۇ پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەلنى ھەيدەپ، بەدەندىكى بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن دۈمبىڭىزنى يېنىك مۇشتلاپ بېرىڭ
11:10:11 2024-10-17
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义